خاتا قىلدىم (​ناخشا تېكىستى) - جامالىدىن يۈسۈپ يانار

خاتا قىلدىم (ناخشا تېكىستى) 

 جامالىدىن يۈسۈپ يانار


بۇرۇن سېنى چۈشەنمەي تۇرۇپ،
ساڭا كۆيۈپ يۈرگەن ئىكەنمەن.
ئەقىدەڭنى يار بىلمەي ، يۈرۈپ،
چىن يۈرەكتىن سۆيگەن ئىكەنمەن .

خاتا قىلدىممەن، خاتا قىلدىممەن،
ساڭا كۆيۈپ خاتا قىلدىممەن،
خاتا قىلدىممەن،خاتا قىلدىممەن،
سېنى سۆيۈپ كۆپ،خاتا قىلدىممەن.

يۈرمەس ئىدىم  دائىم قاۋاقتا،
ئەگەر سېنى كۆرمىگەن بولسام.
قالماس ئىدىم ئېغىر ئازابتا،
شېرىن خىيال سۈرمىگەن بولسام.

خاتا قىلدىممەن، خاتا قىلدىممەن،
سېنى كۆرۈپ خاتا قىلدىممەن.
خاتا قىلدىممەن،خاتا قىلدىممەن،
سېنى سۆيۈپ كۆپ. خاتا قىلدىممەن.

ئەپسۇس  مېنىڭ باشتا كۆيگىنىم،
يارئەمەسكەن بىلسەم ئەسلىدە .
مېھرىم بىلەن چوڭقۇر سۆيگنىم،
ئالدامچىكەن بىلدىم  ئەسلىدە.

خاتا قىلدىممەن خاتا قىلدىممەن،
ساڭا كۆيۈپ خاتا قىلدىممەن.
خاتا قىلدىممەن،خاتا قىلدىممەن،
سېنى سۆيۈپ كۆپ خاتا قىلدىممەن.

2017-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى تۇرپان شەھىرى
ئۈندىدار.13999460492





86 قېتىم كۆرۈلدى جامالىدىن يۈسۈپ يانار ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-14 1:01:04  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ