ھېيىت بەزمىسى

         ھېيىت بەزمىسى
مەمەتجان سەمەت

كېلىپ ئايەم كۈلۈپ بارچە ئەل،
ئۇسۇل ئويناپ تولۇشۇپ غەزەل.
قىزىپ كەتتى ھېيىت بەزمىسى،
قىقاس چوقان سېلىپ بىر مەھەل.

ئېسىل نازۇ نىممەت ۋە شەربەت.
داستىخانغا تىزىلغاچ رەت . رەت،
ئېغىز تەككەچ  ئۇرۇق تۇققانلار،
ئولتۇرماقتا مۇڭدۇشۇپ  قەۋەت.

ئۆچ  ئاداۋەت  يۈيۈلۈپ  بۈگۈن،
ئۆزلىگىدىن   يىشىلىپ   تۈگۈن.
قول بىرىشتى رەنجىشكەنلەرمۇ،
قىلىۋالماي   نەزرىنى   ئۈستۈن.

كۆككە   يەتتى   بالىلار   بېشى،
كەلگەچ كۈتكەن بۇ ئۇلۇغ ھېيتى.
شۇڭا  يۈرەر  تايچاقتەك  چېپىپ،
يوق بولغاچقا ھېچ نەرسە غېمى.

ئاپتورى ؛ پەيزاۋات ناھىيە خۇشاۋات  يېزدىن

مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

ئۈندىدار  : 2042420589

 

ئەسكەرتىش : ئەسەرلەرنى تورىمىز ۋە ئاپتۇرنىڭ ماقۇلىقىنى ئالماي ھەر قانداق مەدبۇئات ئورۇنلىرى ، توربەت ، سالۇنلارنىڭ خالىغانچە تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ . ئەگەر شۇنداق ئەھۋاللار بايقالسا بارلىق ئاقىۋەتكە تارقاتقۇچى تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ !!


     





132 قېتىم كۆرۈلدى mamatjan520 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-25 9:52:36  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ