يارىمدىن خەۋەر كەلسە

يارىمدىن خەۋەر كەلسە


قىش كىتىپ باھار كەلسە،

قۇشلىرى سەھەر كەلسە.

تۈندە ئ‍وخلىيالمايمەن،

يارىمدىن خەۋەر كەلسە.


بۇلبۇل بالسى بولسا،

تالنىڭ شىخىغا قونسا.

بۇ دونيادا سۆيگەن يار،

ئ‍ۇ دۇنيادىمۇ بولسا،


تاغنىڭ تېرىكى دەڭلار،

يوقتۇر كېرىكى دەڭلار،

بىزنى مۇزدا ياتقۇزغان،

يارنىڭ كۆيۈكى دەڭلار،


ئ‍ىشىك ئ‍الدى چوڭقۇر يار،

چۈشەي دىسەم يولى تار،

جاي ئ‍الدى يۈرەكلەردىن،

سېغىنغاندا كەلگەن يار،


ئ‍اسماندىكى ئ‍اي يارىم،

ئ‍الەمدىكى باي يارىم،

ئ‍ۇنتۇلمايدۇ سەن بىلەن،

بۇلتۇر ئ‍ىچكەن چاي يارىم،


ئ‍اپتورى:يۈسۈپجان





177 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-7-30 16:01:08  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ