چاڭقىغان دۇنيا - ئ‍ابدۇللا كامال(گۇما)

چاڭقىغان دۇنيا


 ئ‍ابدۇللا كامال(گۇما)
2098738086   


كۈلمەك ئۈچۈن ياشىماقتىمەن،
ئەمما كۈلۈش بولمىدى نىسىپ.
ھىجرانلاردىن تىتىلدى يۈرەك ،
بولمىدى يا بۇ جاندىن كىچىپ.

ئ‍ەركەكنىڭ گەر ئ‍اققاندا يىشى،
سالار ئ‍ىكەن دۇنيامۇ چۇقان.
چۇقانلاردىن ئ‍اڭلىدىم سادا،
چىدىساڭ كەل بۇ شۇنداق جاھان.

ئ‍ارتساڭ مەگەر تاغلارنى مەيلى،
سالما ھەرگىز ۋىسالسىز جۇدا.
ۋىسالىدىن ئ‍ىچكىنىم شەربەت،
قەلبىمنى ئ‍اھ، ئ‍ەتتىغۇ يارا.

دەشت چۆلۈڭدە ئ‍ۆلگەندۇر كىملەر،
كىملەر راھەت  ئ‍الدى سىنىڭدىن.
كۈلكىلىرىم يىتىمغۇ ئەنە،
كۆردۈم  تىكەن باسقان ئ‍ىزىمدىن.

ئ‍اجىز روھتىن چاڭقىغان دۇنيا،
كۈتەمدۇ يا ئ‍ەركەككە ئەجەل.
جاننى ۋاي ئ‍ال ،ساق قوي تىلىمنى،  
تىلىم  يار دەپ   ئىيتىدۇ  غەزەل.


ئەزىز قىرىندىشىم، ئ‍ەسەرلىرىمنى ياقتۇرغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر، ئ‍ەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىپ، نامىمنى ئ‍ۆچۈرمەڭ  ياكى نامىڭىزغا كۆچۈرمەڭ.  ھۆرمەت بىلەن ئابدۇللا.
     





78 قېتىم كۆرۈلدى ئ‍ابدۇللا كامال(گۇما) ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-4 23:42:03  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-7 11:56:28 asra
aka bak yahxi yizipsiz
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ