ئىنسانچىلىقتا
ياراتتىم يارىلىش ئۆزۈڭدىن دېدى،
ئوغۇز سۈت تامدۇرۇپ پۈتۈن پاكلىدى.
ئاي يىللار ئنسانغا پۈتۈكچى بولدى،
ئۆتمۈشكە شاھىد بوپ، تارىخنى يازدى.
تەسلەشتى دوست بىلەن دۈشمەننى ئايرىش،
كۆپەيدى قېرىنداش -تۇققاندىن تېنىش.
خالىماس قۇلاقلار قۇرۇق سۆز ئېلىش.
يۈرەكنى سىقىدۇ ساختا ھىجىيىش.
كۆپ ئىكەن قازاندەك قاينايدىغانلا ،
يەڭ تۈرۈپ چىڭقىلار ھەقنىڭ يولىدا.
قول سوزسا غېرىبلار قاچار يىراققا،
ياققىدىن ئېلشسا كۆرەر تاماششا.
بۇ ئالەم ئۆتنىدۇر كىلەر ئايلىنىپ،
قىلسا گەر يامانلىق يانار قاتلىنىپ.
كىتىمىز قالىدۇ ھەممە تاشلىنىپ،
يىتەمدۇ ئۆتكەنگە دىللار شادلىنىپ.
ئاغرىنىش خوپ ئەمەس ھېچبىر كشىدىن،
كىم قېچىپ قۇتۇلغان تەقدىر قولىدىن.
زارلاشقا ھەققى يوق ئنسان- ئنساندىن،
سەۋەبنى ئىزلىگەي ئاۋۋال ئۆزىدىن.
ھەركۈنى كۈلىمەن دىيەلمەس ھېچكىم ،
خالىماس ئازابنى ئەلەمنى ھېچكىم.
مەڭگۈگە ئۆلمەيلا ياشماس ھېچكىم،
قاچالماس ئۇلۇغنىڭ سوتىدىن ھېچكىم.
ئاپتورى:خ .چەشمە
2015-يىل 4- ئاي ،شەنبە
156 قېتىم كۆرۈلدى | qaxma | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-10-12 0:53:04 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|