ئۆزۈڭدىن كۆر (شېئىر) - ​ ئابدۇرشىت تۇرسۇن

 ئۆزۈڭدىن  كۆر
 (ناخشا   تىكىستى )
 ئابدۇرشىت تۇرسۇن


نىمە  قىلسام  خاتا   بولدى  مىنىڭلا ،
شۇڭا   بالدۇر  ئايرىلىشنى  تاللىدىم .
ئىشەن   جىنىم   ئايرىلساممۇ  سىنىڭدىن ،
چىن   سۆيگۈگە  پەقەت ،پەقەت قانمىدىم .

ئازاپلارغا        چىدالمىدىم      پەقەتلا ،
چۈشەنمىدىڭ   پەقەت  مىنىڭ  كۆڭلۈمنى .
بىر پارچە  مۇز  بولدى  مانا   يۈرىكىم ،
قەدىرلىمەي  مىنىڭ  ئاشۇ  سۆيگۈمنى .

دەيسەن تىخى  بولۇپ  كەتتىڭ  باغرى تاش ،
قىلغانلىرىڭ      ئەستە     يوقمۇ    جانانىم .
خەير جىنىم !ئۆزۈڭدىن كۆر  ،ئۆزۈڭدىن ،
ۋاز كەچمەسكە  پەقەت  يوقتۇر  ئامالىم .

           2017-يىل    27-مارت  
ئاپتۇر ئۈندىدارى :13199846204
     





116 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇرەشىد ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-11 17:59:47  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-14 20:51:02 كەچمىش
ياخشى يىزىلىپتۇ ، كىيىنكى قەدەملىرىگە تىخىمۇزور ئۇتۇلارنى تىلەيمەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ