قەلبىمدىكى قىز

قەلبىمدىكى قىز

 

ئ‍ايدەك يۈزىدىن تۆكۈلەر مېھىر،

 بۇلاق كۆزىدىن ئ‍الەمچە سېھىر.

 بىغۇبار شۇنچىلىك، يۇقمىغان كىبىر،

يوقتۇر تەڭدىشى ئ‍ۇ ئ‍الەمدە بىر.

 

 گۇياكى سۈت كەبى ئ‍اق ئ‍ۇنىڭ قەلبى،

 كەڭلىكتە دېڭىزدىن نەچچە كەڭ بەلكى،

 كۆيۈملۈك، سۈيۈملۈ دوستقا، يارىغا،

 ياۋلارغا ئ‍وت-گۈلخان غەزىپى قەھرى.

 

 كۆيدۈرسەڭ ئ‍اللاھىم شۇنداققا كۆيدۈر،

 ئ‍ۆلتۈرسەڭ شۇنداق قىز باغرىدا ئ‍ۆلتۈر.

 ھايات ئ‍ۇ تاتلىققۇ ھەممە جانلىققا-

 تەسەددۇق شۇ قىزغا بولسا مىڭ ئ‍ۆمۈر.





224 قېتىم كۆرۈلدى لوخمان ياسىن (ناسىھ) ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-7-31 0:13:05  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ