قارغا ئ‍ىلتىجا

قارغا ئ‍ىلتىجا

 

كائىنات تۇرامدۇق يولۇڭغا قاراپ،

 ياغمامسەن ئ‍ىلگىركى زامانغا ئ‍وخشاش.

تىزغىچە قاركىچىپ قوغلايتۇق توشقان ،

 بولمىغىن كەچكۇزنىڭ قوينىغا سىرداش.

 

 دېكابىرنىڭ قارئۇچقۇنى كەتتى قاياققا،

 ئ‍ىچىشتۇرۇپ يۇزلەرنى ئ‍ۆتۇپ كەتكۇدەك.

 قىنى قار ئۇچقۇنى كۆرمۇدۇم پەقەت،

 يازلار زاڭلىق قىلىشىپ كۇلۇپ كەتكۇدەك.

 

 يارىشامدۇ دېكابىرنىڭ قەھرى سوغاقلىرغا،

 يەر يۇزنى كۆرۇندۇرۇپ قىلىپ قويساڭ ئ‍اق.

 ياغقىن كۆپرەك توختىماي ئ‍ىلتىجا قىلاي.

 كۇتۇپ تۇردۇم مەن سىنى ئ‍ۇزاقتىن-ئ‍ۇزاق.

 

 چانلار سۆرەپ ئ‍وينايتۇق قارلىق دالىدا،

 قار بوۋايلار ياسشىپ قارار ئ‍ىتشىپ.

 نەگە كەتتى دۆۋەلەنگەن قار ئ‍ۇچقۇنلىرى،

 توڭلايدىغان قوللىرمىز كەتتىغۇ ئ‍ىسسىپ.

 

 تىزغىچە قار كىچىپ ماڭسامكەن دەيمەن،

 ياغقىنە توختىماي كىچىپ ماڭغۇدەك.

 سىغنىپمۇ قالدۇق دۆۋلەنگەن قارنى ،

 سوغاقلىرىڭ قىينىسۇن جاننى ئ‍الغۇدەك.

 

 بۇخەلچە سادىق سەلكىن





112 قېتىم كۆرۈلدى بۇخەلچە سادىق سەلكىن ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-7 15:16:42  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ