سۆيۈپ قالۇرسەن مېنى بىركۈنى

سۆيۈپ قالۇرسەن مېنى بىر كۈنى

 

جۈرئەتجان نىزام(سەۋىر)

 

 سۆيۈپ قالۇرسەن مېنى بىر كۈنى،

 خۇددى مەنمۇ سۆيگەندەك سېنى.

چۈشىنىپمۇ قالارسەن بىر كۈن ،

 مەن غېرىپنىڭ مىسكىن كۆڭلىنى.

 

 سۆيۈپ قالۇرسەن مېنى بىركۈنى،

 سەن سۆيگىچە كۈتىمەن سېنى.

 ئىزھارىمغا پەرۋا قىلمىدىڭ،

مەن غېرىپقا ئازاپ ھەر تۈنى.

 

 سۆيۈپ قالۇرسەن مېنى بىركۈنى،

 ئەي پەرۋاسىز كۆڭۈل ئوغرىسى.

 كۆزلىرىڭگە گۈل كۆرىنەرمەن،

 سەندىن ۋاز كەچكەندە بىركۈنى.





106 قېتىم كۆرۈلدى 1366914514 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-11 23:59:46  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ