تۇنجى سۆيگۈ (نەسىر) - تۆت قۇلاق قەلىمىدىن

تۇنجى سۆيگۈ

نەسىر

   پۈتۈن كائىنات بىر-بىرىگە سۆيگۈ بىلەن باغلانغان . سۆيگۈ بېرىشنى ئۆگەن ! ئۇنۇتمىغىنكى ، سۆيگۈسىز ئىنساندىن دۇنيا قورقىدۇ .              ـــــــــ جالالىدىن رۇمى

   

       ھەممە ئادەمنىڭ قەلبىدە شۇنداق بىر كىشى بار ، ئۇنتۇپ كەتتىم دەپ ئويلايسىز ، بىراق ئۇنتالمايسىز ؛ تىلغا ئېلىشنى خالىمايسىز ، بىراق قەلبىڭىزنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە كۆمۈپ قويىسىز . ئۇ كىشى شۇنداق ئالاھىدە ، گەرچە يەنە نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كەتسىمۇ ، ئۇنى كۆرگىنىڭىزدە مۇرەككەپ تۇيغۇلارغا چۆمۈپ كېتىسىز . مانا بۇ تۇنجى سۆيگۈ !

      يېقىندىن بۇيان جىق ئىشلارنى ئويلايدىغان بولدۇم . ئۆمرىمىز شۇنچە قىسقا ئىكەن ، ھەتتا بەزىدى بۈگۈن كۆرگەن ئادەمنى ئەتە كۆرەلمەيدىكەنمىز . ئۆلۈم ھەممىنى ئاخىرلاشتۇرىدىكەن ، بىز ئۆلۈمنىڭ ئالدىدا ئاجىزدۇرمىز . بىر كۈنى ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز ، شۇڭا ، رەنجىشلەردىن ، قېيداشلاردىن يىراق تۇرىشىمىز كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىم . تۈگىمەس رەنجىشلەر ، قېيداشلار ھەرقانداق مۇناسىۋەتنى بۇزۇشنىڭ دۈشمىنى ! سىز ئۇنىڭغا قېيداپ ، ئۇ سىزدىن خاپا بولۇپ .....دېگەندەك ، بارا-بارا ھەممىمىز يىراقلىشىپ كېتىدىكەنمىز . گەرچە ، بۇنداق يىراقلىشىشىنى خالىمىساقمۇ ، ئاتالمىش غورۇرىمىزدىن ۋاز كەچمەي ، يەنە داۋاملىق يىراقلىشىشىقا مەجبۇر بولىدىكەنمىز . ئەڭ ئاددىيسى ، قارشى تەرەپ مېنى چۈشىنىشى كېرەكقۇ ، نېمىشقا چۈشەنمەيدۇ دەپ ئويلاپ ، ئەڭ يېقىنلىرىمىزدىن دىلىمىز ئاغرىپ ، ناتونۇشلارغا ئايلىنىپ قالىدىكەنمىز .....ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ، ئوتتۇرىدىكى بۇ قېيداشلارنىڭ ، ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ تېگىگە يەتسەكمۇ ، بىراق يەنىلا بولدى قىلىۋېتىدىكەنمىز . لېكىن ، بۈگۈن مېنىڭ بولدى قىلىۋەتكۈم كەلمىدى . نېمىشقا دەمسىز ؟ مېنىڭ ئەمدى رەنجىشلەردىن يىراق تۇرغۇم بار . بولۇپمۇ ، تۇنجى سۆيگىنىمنىڭ مەنمۇ سىزدىن رەنجىگەن دېگەن گېپىنى ئاڭلىغىنىمدا ، مەن راستىنلا ھەيران قالدىم . مەنمۇ ئۇنىڭدىن قاتتىق رەنجىگەن ، شۇڭا گەپ قىلىشنىمۇ خالىمىغان . ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ، ئىككىلىمىزنىڭ بىر-بىرىمىزدىن رەنجىپ يۈرگەنلىكىنى بىلدىم . مۇھەببەتكە چۈشەندۈرۈش كەتمەيدۇ ، مۇھەببەتنىڭ ئۆزى چۈشەندۈرىدۇ دەپ ئويلايتتىم . بىراق ، ئەمدى ئويلاپ باقسام ، مۇھەببەتمۇ چۈشەندۈرۈشكە موھتاج ئىكەن . سىز مۇھەببىتىڭىزنى مەلۇم نىسبەتتە ئىپادىلىمىسىڭىز ، سىزنى سۆيگەن كىشىمۇ مۇھەببىتىڭىزنى ھېس قىلالمايدىكەن . ئەلۋەتتە ، ھەممىمىز مۇھەببەتكە موھتاج ، بۇ تەرەپنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك . گەرچە ئەرلەر مۇھەببەتتە ئاكتىپراق بولسىمۇ ، بىراق ئۇلارمۇ مۇھەببەتنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئىپادىلىنىشىنى ئۈمۈد قىلىدىكەن . مەن دەل بۇ تەرەپكە سەل قاراپتىمەن . بەلكىم ، ئەينى ۋاقىتتىكى مۇھەببىتىم تولىمۇ ئاددىي ، پىشىپ يېتىلمىگەن بولۇشى مۇمكىن . قەلبىمنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدىن ئورۇن ئالغان تۇنجى سۆيگىنىمدىن ئايرىلىپ قالغىنىمدا ، ئۆزۈمنىڭ ئازاپلانغىنىنى پەقەت بىر ئۆزۈملا بىلىمەن ، دىلدىكى يارىنى ئەلۋەتتە باشقىلار كۆرۈشكە ئاجىز،-دە !

     شۇنداق قىلىپ ، ئاچچىق كۆز ياشلار بىلەن تۇنجى مۇھەببەتكە خاتىمە يېزىلدى . ئۇنى سۆيەتتىم ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن سۆيگەن ئىدىم ، بىراق.....ئۆتمۈشنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ ، بىراق ھازىرنى ئۆزگەرتىش ھەممىمىزنىڭ قولىدىن كېلىدۇ . ئېسىڭىزدە بولسۇن ، سۆيگنىڭىز سىزنى سۆيمەس بولۇپ قالغاندا ، ئۇنىڭغا بەخت تىلەڭ . مۇھەببەت بولغان ئىكەن ، نەپرەت بولماسلىقى كېرەك ، چۈنكى مۇھەببەت بىر خىل گۈزەللك . ئەكسىچە ، نەپرەت تولىمۇ رەزىل ! نېمىشقا گۈزەللىكتىن ھۇزۇرلانماي ، رەزىل نەرسىلەرنىڭ ھاياتىمىزغا سىڭىپ كىرىشىگە يول قويىمىز ؟ تەڭسىزلىك بولدى دەپمۇ ئويلىماڭ ، سۆيگىنىڭىز ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان بىرىنى يوقاتتى . سىىز پەقەت ئۆزىڭىزنى سۆيمەيدىغان بىرىدىن ئايرىلىپ قالدىڭىز خالاس. سىز يېڭى بىر تۇرمۇشقا قەدەم قويدىڭىز، باشقا بىرىنى قايتا سۆيىدىغان پۇرسەتكە ئېرىشتىڭىز .  نېسىپ بولمىغان نەرسە تۇرمۇشۇڭىزدىن قانچە بالدۇر يوقالسا شۇنچە ياخشى . ھېچقانداق نەرسە مەڭگۈلۈك ئەمەس ، ئىشىنىڭ ھەم چۈشىنىڭ!

 

تۆت قۇلاق قەلىمىدىن

2017-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى






325 قېتىم كۆرۈلدى sansiz99 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-15 4:32:47  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-2-17 15:40:19 ئايتىللا مەمەت
بەك ياخشى كوردۇم،بەك ياخشى يېزىلىپتۇ،قىسقا لىكىن مەزمۇنلۇق.
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ