كىتاپ ۋە ھايات - ئەرشىدىن مەخمۇت ئەرش پىچانى

كىتاپ ۋە ھايات 


  ئەرشىدىن مەخمۇت ئەرش پىچانى

گۈللەردەك ئېچىلاي تەپەككۇر بىلەن،
خوش پۇراق بۇلۇشقا، ئىزدەندىم زامان.
كىتابسىز تەپەككۇر كېلەڭسىز قىلىپ،
بولمىغاي پۇختىلىق ئىشلاردا ھامان،

ئۆتمەكتە دەۋرلەر بىلىمسىزلىك ھار،
يېزىلماس كۆكلەرگە، ھېكمەتلىك دۇر.
كېرىۋال قەلئەگە پۇختىلىق بىلەن،
بىلىمسىز بولساڭلا يۈتۈپ كېتەر يەر.

كەم ئەقىل بولۇرسەن بىلىمسىز بولساڭ،
قەلبكە كىتابنى كەچتە قىلمىساڭ.
ئىشلىسەڭ تىرىشساڭ كىتاب سېرىىسىز،
ھېچ ئۇتۇق كەلمەيدۇ بىلىمسىز بولساڭ.

كىتاب ئۇ دانا سۆز ھېكمەت ئەڭگۈشتەر،
دېڭىزدەك ئۇرۇلار شاۋقۇن قايناملار.
بۇلدۇقلاپ، تېمىدۇ، زەمزەم سۈيىدەك،
بىلىمسىز قەلبىڭگە ، مىھنەت ياغدۇرار.

2016-12-7
     





95 قېتىم كۆرۈلدى arxidin ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-13 18:21:14  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ