خۇددى ئانار دانىسىدەك (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

خۇددى ئانار دانىسىدەك
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

پاقا بولماي،بېلىقتەك،سۇ ئۈزۈشنى ئۆگەنگىن،
ھۇرۇنلۇقنى تۈگىتىپ،مەرىپەتنى كۈيلىگىن،
ئەۋلاتلارنى ئويلىساڭ،ساۋاتسىزلىق تۈگەتكىن،
تەرەققىيات كۆزلىسەڭ،مۇقۇملۇقنى سۆزلىگىن.

ئەجىر قىلىپ پەرۋىشلەپ،تەربىيلىگىن ئەۋلادنى،
كۆكتە پەرۋاز قىلدۇرۇپ،ئورۇندىغىن نىشاننى،
قەلبلەرگە گۈل تىزىپ،تەر ئاققۇزۇپ ئەۋلاتقا،
ئەجىر قىلىپ تاماملا،سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنى.

ھەممىمىزلا جۇڭگولۇق،يىلتىزىمىز تومۇرداش،
ئاتۇش،لاسا،كۇنمىڭدا.....بارغۇ بىزنىڭ قېرىنداش،
قىلىشمايلى مەنمەنلىك ياكى ئايرىپ يۇرتۋازلىق،
ئىتتىپاقلىق كۈيلىسەك،ھەممە بولۇپ پىكىرداش.

ئىجىل-ئىناق بولۇپ بىز،يول ئاچايلى غەيرەتە،
شېنجىن،شاڭخەي،شياڭگاڭدىن،ئۆگىنەيلى بەس-بەستە،
خۇددى ئانار دانىسىدەك،ئۇيۇشايلى ھەممىمىز،
ئانا ۋەتەن قوينىدا،نۇرلىنايلى مەڭگۈگە.

گۈزەل يۇرتۇم شىنجاڭدا، بارچە مىللەت،ئىتتىپاق،
قەشقەر، قۇمۇل، ئالتايدا......ھوزۇر ئالدۇق خۇشپۇراق،
تېرىشساقلا دوستلۇرۇم، پارتىيەمىز نۇر چىراغ،
مۇقۇملۇقتا چىڭ تۇرساق، ئېقىپ خورىماس بۈ بۇلاق.
     





162 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-31 22:47:52  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-30 0:06:31 مېھرى
ياخشى يېزىلىپتۇ.
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ