ۋىسال
مەردان ياقۇپ
كۆز كۆرمىسە كۆڭۈل تۇياركەن،
كۆڭۈل شۇنداق تارتقاننىڭ خىلى.
ھايات گۈزەل بەخىتنى سەزسەڭ ،
سەن ئەنە شۇ بەخىتنىڭ گۈلى.
ئۆزگىلەرگە ھەۋەس قلمىغىن ،
كۆپتۇر بەلكىم يولدىن ئازغىنى.
دۇنيا خۇددى گۈزەل بىرسەھنە ،
بەكلا ئازدۇر ھەق رول ئالغىنى.
ئىس تۈتەككە كۆنگەن بۇ ھايات،
گۈلشەنلەردە يۈرگەنلەر قېنى.
گۆرگىنىم راست ساپ ھاۋادىمۇ ،
ھەتتا باركەن دېمى سېغقىنى.
بىرى كەمدۇر دۇنيانىڭ شۇنداق ،
بولالماسمەن كۆڭلۈڭ كۈتكىنى.
ئەسلەپ قويغىن تېمتاس كېچىدە ،
سېنى سۆيگەن مەندەك بىرىنى.
ياشىغۇم بار ئاددى ھاياتتا ،
ئاخىرەتكە ئاتاپ بارىمنى.
ئەڭ ئاخىرقى ئارزۇيۈم شۇدۇر،
جەننەتلەردە كۆرسەم يار سېنى.
قاراپ باققىن ئەتراپقا دوستۇم ،
غۇنچە ئۈزمەس گۈلنى سۆيگىنى.
گۈلنىڭ ۋەسلى پەقەت شۇ غۇنچە،
غۇنچىسىزنىڭ ياخشى ئۆلگىنى.
مەيلى بولغىن ئۆزگىگە سەن يار،
رازى بولاي باردەي كۆيگىنى.
غۇنچە كەبى ئېچىلغىن بىررەت ،
بەرگەڭنى مەن باراي سۆيگىنى.
مەردان ياقۇپ _118
2017/3/27 (10:00)
174 قېتىم كۆرۈلدى | مەردان ياقۇپ | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-29 5:23:17 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-3-31 5:32:02 | مەرغۇبە |
بەك ياختۇردۇم 😊 |
2017-3-31 5:22:12 | ئەدىھەم |
ئىسىل ئاداش تىخىمۇ تىرشقىن |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|