يەنە سېنى سېغىنىپ قالدىم - ​ شاھى مەردانى

 يەنە سېنى سېنىپ قالدىم
   
 شاھى مەردانى

يەنە سېنى سېغىنىپ قالدىم ،
شۇڭا قولغا ئالدىم قەلەمنى.
يازماق بولدۇم نادىر بىر ئەسەر،
تەسۋېرلىگەچ دىلدا ئەلەمنى.

يەنە سېنى سېغىنىپ قالدىم،
سەن بىر لالە دىلىمدا بەرنا.
يىراق بولسا  مەيلى  ئارىمىز،
چىن ساداقەت بىزلەرگە ھەمراھ.

يەنە سېنى سېغېنىپ قالدىم،
ئاسمىنىمدا ئاينىڭ نۇرى سەن.
كۆزلىرىمنى يۇمغاندا يارىم،
تەبەسسۇمدا پەيدا بولىسەن.

يەنە سېنى سېغىنىپ قالدىم،
سېغىنىشتا قەلبىمدە ئەلەم.
گۇۋاھ بولۇر ياراتقان ئىگەم،
ۋە قولىمدا تەۋرىگەن قەلەم.
     





61 قېتىم كۆرۈلدى شاھى مەردانى ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-3 19:04:05  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ