يۈرەكتىكى خەت

يۈرەكتىكى خەت

 

ئېھتىيار يارمۇھەممەت

 

 ئېغىزىمدا قىلغان سۆزلىرىم،

ئۆزۈم ئۈچۈن دۈشمەن بەزىدە .

 ئېيتمىساممۇ ئايان ئۆزۈمگە ،

يىزىلغاچ ئۇ ئوتلۇق يۈرەككە.

 

بىرگە -بىر دەپ چىدىساڭ ياشا ،

داۋنى بار ماڭغان يولۇڭنىڭ.

 ئايان بولۇر تۇيماي بەزىدە،

 شەيتانلىقى تۇتقان قولۇمنىڭ.

 

 چىن پۈتمەيمەن ئەمدى ھېچكىمگە،

 ئۆچۈپ كېتەر يۈرەكتىكى خەت.

 قۇلۇپلانغان بەخت ئىشىكى،

 ئاچقۇچى بىر مەندىلا پەقەت.

 

 يۇلتۇز بار دەپ ياشايمەن مەغرۇر ،

 ئاي ئالدىدا قۇياشتەك پارلاپ.

 تەشنا بولۇپ دېرىزىدە ھەم،

 مەن يۈرمەيمەن ئاسمانغا قاراپ .

 

ئېيتمىساممۇ ئايان ئۆزۈمگە ،

 ئۆچۈپ كىتەر يۈرەكتىكى خەت.

 ياكى ئۆچمەس مەڭگۈ ئەبەتكە،

ئۆچمىسىمۇ چىدايمەن قەۋەت .

 

 چاپچال ناھىيە قاينۇق يىزىسىدا

ئۈندىدار نومۇرى 18299976229





179 قېتىم كۆرۈلدى tarki ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-28 0:26:48  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ