ئانا تامان پەرۋاز

         ئانا تامان  پەرۋاز



    داستانلار پۈتتى ئانامىھرىڭىزدە،سۆيگۈڭىزدە…
دەريالار ئۆركەشلىگەنچە ئۆركەشلىدى ھىسلىرىمىز، سىزنى كۈيلىگەندە…ھەتتا بۇلاق بولۇپ تاشتى ياشلىرىمىز سىزنىڭ يىگانە سۆيگۈڭىزدە…


 
       يىقىلساق ئىچىمىزدىن كىلەر بىر نىدا :"ئانا!!!…"  
 دىللار شۇ ئىبارە بىلەن تەسكىن تاپقاندەك گويا…
   ھەركىمنىڭ ئانىسى باشقا،سۆيگۈسى باشقا،ئانا ھەققىدە ئېيتىپ تۈگۈتەلمەيدىغان ناخشىسى باشقا، غەزىلى باشقا…ھەر ناخشىنىڭ مۇڭى باشقا…يۈرەكلىرىمىز لەرزىگە كەلدى شۇ لىرىكىلاردا، يۈرەكلەر  چىلانغان لىپمۇ -لىق شۇ  ئوتلۇق مىننەتسىز سۆيگۈلەردە.
 
    ئانىسى بارلار پەخىردە،يوقلار سەۋىردە، ئانىنىڭ ھىدلىرىنى  ھىدلىغاندەك،شۇ قەدەر كەڭ باغرىدا قايتا
ئەللەيلىنىپ،مۇقەددەس مۇھەببەت ،ئوتلۇق ھارارىتىدە ئېرىگەندەك،ئانا ھەققىدىكى كۈيلەرنىڭ سېھىرلەشلىرىدە…

     ھەتتا ئۆكسۈشلىرىمىزنى باسالماي قالدۇق :ئانىمىزنىڭ يىللار مۈكچەيتكەن گەۋدىسى،چىھرىدىكى كۆپەيگەن  يىل ئىزنا قورۇقلىرى كۆز ئالدىمىزغا كېلىپ، ،بارغانچە دەرمانسىزلىشىپ،يۈگۈرۈپ تەبىئەتكە خالىغانچە ئۆزىنى ئاتالماسلىقلىرىدىن،بالام دەپ بىزگە قىسىنىپ،ئۆزى بەھىر ئالالمىغان نىمەتلەرنى يىيەلمەسلىكلىرىدىن،يىگانە ،يىگانە ھالەتتە پەقەت گۈللىرى بىلەن مۇڭدىشىپ،ئەسلىمىلىرى ئىچىدە كۈلۈپ ۋە يىغلاپ ،ھەپتىلەردە بىر بولىدىغان جان -جىگەر يۈرەك پارىلىرى بىلەن ئەسرالىشىش پۇرسەتلىرىنى كۈتۈپ،تىلىفۇننىڭ جىرىڭلاشلىرىنى كۈتۈپ،ئۆز ئارمانلىرىنىڭ ئاۋازىدىن بولسىمۇ تەسەللى تىپىشنى ئىستەشلەرگە تىۋىنىپ قالغان،غىرىپلىق،مىسكىنلىك كۆزلىرىدىن جىلۋىلەنگەن ئانىلىرىمىز يادىمىزغا يەتكىنىدە…
   
     ئۆكسۈشلىرىمىز ئۇلغۇيار : ئۆز يۈرەك پارىلىرىمىز ئۈچۈن،ئۇلارنىڭ بەختى ۋە "تاجۇ-تەختى"ئۈچۈن،ئۈن -تىنسىز تىرىشىپ تىرمىشىۋاتقىنىمىزدا،ئانا بولۇپ،ئاتا بولۇپ  ئانىنىڭ پەرزەنت ئۈچۈن كۆيگەن يۈرەكلىرىنىڭ تىۋىشلىرىنى ھەقىقى ئاڭلىغىنىمىزدا…
 
   ئۆكسۈشلىرىمىز تىخىمۇ ئۇلغۇيار: تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن ئۇنى يوللىرىمىزغا شۇنچە تەلمۈرتكىنىمىزگە،قۇچىقىغا بىشىمىزنى قويۇپ،ئانىلىق ھىدىنى ھىدلاپ  ئۇنى بىزنىڭ،بىزنى ئۇنىڭ باغرىغا قاندۇرمىغانلىقىمىزغا.
 
     ئۆكسۈشلەردىن زىمىن تەۋرەپ كىتەربەلكىم:ئۇنىڭ يىنىدا تۇرغان شۇ دەقىقىلەرنىڭ چىن مەناسىنى ھىس قىلغاندا بولسا ،ئۇنىڭ بۇ دۇنيادىكى مەۋجۇتلىقى ئۆتمۈش بولۇپ قالغىنىدا.    "ئانا!"دەپ نىدا ئەيلىگىنىمىزدە،ئۇنىڭ باغرىنى ئىستەپ ، ئەپسۇس قوللىرىمىز ھاۋادا لەيلەپ قالغىنىدا…
 
     قەلەملىرىمىزدە ئۇلۇغلانغان  ئانىلار رىياللىقتا  مىسكىن،     غېرىپ  ، يىگانە …ھەتتا ئانا يېتىرقىغان قىرىنداشلارنىڭ قىزغىن،مەغرۇر سۆھبەتلىرىدە ،ھەممە پەرزەنت ئۆز غىمى بىلەن،ئانا  ئۆزىنى ھىس قىلىپمۇ قالىدۇبەزىدە  :ئوشۇقچە.   ئۆز ھۆددىسىدىن چىقالمىغىنىدا،نەچچە پەرزەنتنى قاتارغا قوشقان ،بىر ئانا رازىلىقى ئۈچۈن قىينىلىۋاتقان پەرزەنتلەر  تەشۋىشلىرىنى سەزگىنىدە …
     
     ئاھ !ئانا… پەرزەنتىگە كۆڭلى دەريا ئانا،ئۇلارنىڭ بەختى ئۆز شاتلىقى ئانا،پەرزەنتىنى باغرىغا بىسىۋاتقان پەرزەنتىنىڭ، باغرىغا تەلمۈرۈپ قالغان ئانا…
بارلىق تەرىپلەر ئۇنىڭ بارىدا قەدرىگە يىتىشتىنمۇ ئارتۇق ئەمەستۇر،بارلىق كۈيلەر ئانىنىڭ يىگانىلىكىدىكى پەرزەنتى ھەدىيە قىلغان  خۇرسەنلىك كۈلكە ساداسىدەك يۈرەك تارىنى چېكەر ئەمەستۇر…
   
     كەل، قانات چىقىرايلى،ئانا تامان پەرۋاز قىلىپ،ئۇنىڭ باغرىغا تاشلىنايلى!ئۆكسۈشلەرگە سەۋەپ  دىل تۈگۈنلىرىمىزنى يېشىپ،ئۇنىڭغا شىۋىرلايلى:"سىزنىڭ مەۋجۈتلىقىڭىز مىنىڭ بەختىم ۋە تەختىم جىنىم ئانا!"

    قەلەملىرىمىزدە ئۇلۇغلانغان ئانا قەدەملىرىمىزدە ھەم ئۇلۇغلانسۇن!



               رامىلە  ھامۇت   خەندانە
                   2017-يىل8-ماي (غۇلجا)
     

مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار :2041420589






49 قېتىم كۆرۈلدى handana ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-15 10:59:13  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ