سىڭلىم سەن - ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرتېكىن

 سىڭلىم سەن

ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرتېكىن


تۇغۇلمىساقمۇ ئىككىمىز گەرچە بىر ئانىدىن,
ئەمما ئەزىزسەن ئۆز سىڭلىمدەك قەدىردان.
ئاكاڭمەن سۇسلاشمايدۇ مېھىرىم ساڭا,
كۆرسەكمۇ جۇد-بوران,مۇزدەك قەھرىتان.

يىقىلساڭمۇ ھاياتىڭدا ئاكاڭ بار كۈلگىن,
يوللۇرىڭدا تىرىكىڭمەن ساڭا سەپەرداش.
خوشلىقىڭدا باغىڭمەن,يالغۇزىڭدا تاغىڭ,
كۈلپىتىڭدە سىردىشىڭمەن دەردڭگە قاياش.

سەن ئەخلاق بېغىدا غۇنچە مىسالى،
قارا قۇيۇن بەرگىڭنى قىلمىسۇن خازان.
ئۈزۈلمىسۇن چېھرىڭدىن تاتلىق كۈلكىلەر،
مەيلى بىزگە تەتۈر كەلسىمۇ زامان .

ئەخلاقنى تۇت ئۆزۈڭگە مەڭگۈ دوست،
تاشلايدۇ باشقىسى بىر كۈن كارى يوق.
دوس ئەمەس ھەممىسى ساڭا كۈلگەننىڭ،
دۈشمەنمۇ كۆرۈشسە ھىجىيىدۇ ھالى يوق.

     





70 قېتىم كۆرۈلدى abdu4745 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-19 23:47:04  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-22 18:36:26 ساۋۇت
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ 🌹🌹🌹🌹
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ