ساخاۋەتلىك قوللارغا رەھمەت

ساخاۋەتلىك قوللارغا رەھمەت

 

مىنەۋەر ئوبۇل ئاتۇش

 

بىرىڭلار يورۇتۇپ قارا دىللارنى،

بىبىرىڭلار بىرسىلەر ھالال پۇللارنى.

بىرىڭلار باشلايسىلەر داغدام يولغا،

بىرىڭلار ئشلىتىپ ئىشسىز تۇللارنى.

 

 گاھى شىرىن چۈشلەرمۇ قالمىدى ھەرگىز،

 ھەتتا گاھى تالانت سەھنىسىمۇھەم.

ئۇيغۇرلارنىڭ پەخرى ئەي مەردا نىلەر ،

 گۈللەنگەي ئىشلىرىڭلار ئشلىتىپ پەم.

 

 پۇل تاپالماي قالغانلارغا كۆرسىتىپ يول،

مىھرى بىرىپ چىھرى ئىللىق يىگىتلەر.

 ئۇتۇغلۇق تىلەيمىز ئشلىرىڭلارغا،

كۆز تەگمىسۇن سىلەرگە يامان سۆزلەر.

 

 ھەربىر ماڭغان يولۇڭغا گۈللەر ئۈنسۇن،

 دىيەلەيمەن ئاران ئاددى تىللاردا.

 قازىنىڭلار داۋاملىق شانۇ شەرەپ،

ياغدۇرۇپ رەھمەتلەر ئاتەش دىللاردا.

 

 تىنىڭلار سالامەت بولغاي ھەرزامان،

 مىللەت نىڭ پەخرى سىز گۈلگۈن يىگىتلەر.

 ئاجىزدۇر تىلىم سىلەرنى كۈيلەشكە،

 يولۇڭلارغا ئۈنۈپ كەتسۇن قىزىل گۈللەر.





340 قېتىم كۆرۈلدى مىنەۋەر ئوبۇل ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-25 20:05:06  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ