دوسلارغا - ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن

 دوسلارغا
ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن


دوست بولماس ئالدىڭدا دوستۇم دېگەنلەر،
ھازاڭدا ياش تۆكسەڭ قاراپ كۈلگەنلەر.
دوستڭدۇر سوغوقتا گۈلخان تۇمۇزدا سايە،
كۈلپەتتە قولىنى ساڭا مېھىرلىك بەرگەنلەر.

بەزىلەر دوست تەرىڭدىن تاپقان پۇلۇڭغا،
پۇلدىن ئايرىلدىڭ كۆر كەلمەس يېنىڭغا.
پۇلغا دوست پەرۋانىدۇر مەنپەت كويىدا،
ئازاپنى كۈنىدە نەقىشلەپ ئۇيار دىلىڭغا.

قۇش بولساڭ يېنڭدىمەن بۇلۇپ قاناتىڭ،
جەڭگە ئاتلانساڭ چاپىمەن بۇلۇپ ئېتىڭ.
ئاقسىساڭ مەن ھاساڭ تىرەيمەن سىنى،
لەگلەك بولساڭ ھاۋادا بۇلىمەن يىپىڭ.

سۇنسا كەتمىنىڭ دەستىلەشكە مەن تەييار،
يىقىلساڭ يوقۇلۇپ ئامەتكە بولمايمەن ھەييار.
ۋاپادارلىق ھاياتتا بولسۇن بىزگە سەپەرداش،
كۈرەشلەر تاۋلايدۇ بىزنى ئەللەر مەدەتكار.

2016.12.8  تۈزىتىلدى
     





63 قېتىم كۆرۈلدى abdu4745 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-9 23:15:51  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ