توي قىلايلى باھاردا (شېئىر) - مەمەتجان سەمەت

توي قىلايلى باھاردا
ناخشا تېكىستى
مەمەتجان سەمەت

ئىشىك ئالدىغا تېرەك،
ياراشقان قىزىل گۈلدەك.
مۇڭدىشايلى كەلسەڭچۇ،
ئولتۇرۇپ بىز قانغۇدەك

سەن يارىمنى ئويلاپلا،
كېچە بولسا ئۇيقۇ يوق.
ئىزدەپ قوياي دېمەيسەن،
مەن يادىڭدا بارمۇ يوق.

قىيناپ كەتتى تەنھالىق،
ساڭا بولغان تەشنالىق.
ئىشقى ئوتى يامانكەن،
بىرەلمىدىم بەرداشلىق.

تولا ئېيتىپ ناخشىنى،
يار دەردىڭدە ئاخشىمى.
ئۈزۈلدىغۇ  چىدىماي،
دۇتتارنىڭمۇ  تارىسى.

سەن ئۇياقتا . بۇياقتا،
مېنى ئۇنداق ساقلاتما.
گەر قوشۇلساڭ سۆزۈمگە،
توي قىلايلى باھاردا.

ئاپتورنىڭ ئۈندىدار : 308381500
ئاپتورنىڭ   ئىسمى   بىلەن   تارقىتىڭ
     





375 قېتىم كۆرۈلدى mamatjan520 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-3 18:22:40  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-3 21:30:57 گۈلجامال يولۋاس
ئەسىرىڭىز شۇنداق ئۆزگىچە چىقىپتۇ ،داۋاملىق تىرىشىڭ !💪💪💪💪💪💪
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ