ئۈمىدىم
ئانارگۈل سەبىر
مىنى كۈلسۇن دىسەڭ ئەزىزىم،
كۈلۈپ يۈرگىن، بولمىغىن ناخۇش.
قوللۇرۇڭغا تۇتاي دەستە گۈل،
سېنىڭ كۈلكەڭ قىلار مىنى خۇش.
. ئۈمىد نۇرى پارلىسۇن دائىم،
بىر جۈپ قارا شەھلا كۆزلەردە.
بەخىت گۈلى جىلۋە ئەيلىسۇن،
ئوماققىنا گۈزەل يۈزلەردە.
ئەسلىگىنىڭ مەن ئۈچۈن بەخىت،
خۇشاللىقىڭ تەسەللىي بىلسەڭ.
ئارمانلىرىڭ ئاچسا گۈل-چېچەك،
مەن كۈلەرمەن، بەخىتتىن كۈلسەڭ.
ئانارگۈل سەبىر
2015.12.08 مەنبە ئۆز قەلىمىم
| 92 قېتىم كۆرۈلدى | dengiz | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-12-14 18:54:23 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|