سەن كەلگىچە كۈتىمەن سېنى (شېئىر)
ماھېنۇر ئابدۇرھېم
تاشلاپ كەتتىڭ مېنى، يىراققا،
قالدىم چېكىپ ھەسرەت پىراقتا.
كېلەلەمسەن ؟كۈتسەم بىر ئۆمۈر ،
كۆيدۈرمىگىن ، مېنى دوزاقتا .
چىن ئاشىقلار ئىدۇق، بىز ئەسلى،
دۈشمەن سۆزى ئايرىدى بىزنى .
يىتەلەيتۇق ، ۋىسالغا بەلكىم،
خازان قىلماي، پاك سۆيگۈمىزنى.
ئۇنتۇش ئۈچۈن، كېتىپسەن نىگار،
ئۇنتالامسەن ؟ كۆرمىسەڭ مېنى .
ھېجرانلاردا ،تاۋلىنار سۆيگۈ ،
سەن كەلگىچە كۈتىمەن سېنى.
| 94 قېتىم كۆرۈلدى | aziza | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-6 18:27:21 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|