كىرپىكلىرىم جۈپلەشكەندە تالىق ۋىسال
تۇرسۇن ئىمىن شەيدائى
سېنى سۆيۈش تەقدىرمىكىن چۈشۇمدىلا ،
كىرپىكلىرىم جۈپلەشكەندە تالىق ۋىسال .
سىردېشىمىز قورۇنماستىن بىزلەر راسا ،
رەستىلەردە ،ئېتىز ،باغدا يايراپ خۇشال .
ئويغىنىپلا تاڭدا توخۇ چىللىغاندا ،
ياندا سەن يوق غېرىپلىققا بولىمەن يەم .
سېغىنىشلار پۈكۈپ قەددىم ئۆتتۈم تەنھا ،
سىمايىڭنى كۆرەلمەستىن باسىدۇ غەم .
كېچىلەرگە بولۇپ قالدىم تەقەززامەن ،
كۈندۈزلىرى كۆرسەتمىگەچ ئەسلا دېدار .
پەرىزاتمۇ ، ياكى ئىنسان ئېيتقىن لېۋەن ،
تېگى -تەكتىڭ بىلەلمەستىن ھېسلىرىم زار .
چۈشلىرىمدىن يۈتكىنىڭ يوق بىرەرمۇ تۈن ،
بۇنداق غەيرى ئۇچرىشىشتىن ئەقلىم ھەيران .
كويۇڭدىمەن - رايىم ئەسىر بولدى پۈتۈن ،
ئىشىق ئوتى قۇدرىتىنى ئەيلەپ ئايان .
بىرەر دەقىق ئايرىلىشنى كۈتمەس ئىدىم ،
ئەي دىلرابا مىسكىن روھىم ساڭا مۇھتاج .
ئارامىم يوق ھەريان كېزىپ كۆپ ئىزدىدىم ،
تاپالمىدىم ، نىچۈن بۇنچە تەلىيىم كاج ؟
دېرىگىڭنى قىلىپ يۈردۈم مەن دەممۇ -دەم ،
باش چايقىدى ئۇچرىغانلار ئاشتى دەردىم .
نىگاھ سالسام رەستە ،ئېتىز ،باغلارغا ھەم ،
بويۇڭ پىنھان بارچە جايدا ، يىغلار قەلبىم .
يۈرسەم ساياق پىراغىڭدا تىنماي مەجنۇن ،
ئۇچرىغانلار سوغ كۈلۈشۈپ ئەتتى مازاق .
نۇرانە تاڭ بارچە جاننى ئەتسە مەپتۇن ،
ئاھ ،سېنىڭسىز مەن ئاشىققا بولدى دوزاق .
ئىلاجىم يوق ،ئالۋۇن سۆيگۈ ياركەن ماڭا ،
جىلۋەڭ بىلەن چۈشلىرىمگە كىرىۋەرگىن .
باغرىم قانسۇن ئۇيقۇ پەيتى دېدارىڭغا ،
سۆيۈندۈرۈپ لەۋ شەربىتى بېرىۋەرگىن !
2017.2.8 كەچ سائەت ئىككىدە يېزىلدى
| 5717 قېتىم كۆرۈلدى | xeydayi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-23 17:27:54 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|