شاماللارغا ماختاپ بىرىپسەن

شاماللارغا ماختاپ بىرىپسەن

 

 ~نازۇكئاي

 

شاماللارغا ماختاپ بىرىپسەن،

مىھرى مەيىن سىنڭدىن بەك دەپ.

دېرىزەمنى قاقىدۇ رەت-رەت،

 مىھرى بەرسەڭ ئ‍ەپ كىتەيلى دەپ.

 

 دېرىزەمنى قايرىپ ھارمايمەن،

 مۇھتاجلارغا ئ‍ېلىپ كەتكىن دەپ.

 مىھرى مەيىن دىگەنلەرگە ھەم،

 قاندى دىمەي بىرىپ قويغىن دەپ.

 

 يامغۇرلارمۇ ئ‍ەگىشىپ كەلدى،

 كۆز يېشىڭغا قۇشۇلاي مەن دەپ.

 خېتىڭ باركەن يامغۇر قوينىدا،

 كۆز ياشلىرى دەريا يۈتەر دەپ. 

 

 نە قىلاي مەن يۇشۇرۇپ بۇندىن،

قۇشۇلۇپ كەتتىم دەردىشىمكەن دەپ.

 بىر بىرىمىزگە سىڭىشىپ شۇ دەم،

 يۈرۈپ كەتتۇق غېرىپلار ئ‍ىزدەپ…

 

 2015.8.31

新疆达吾然国际贸易有限公司

 





136 قېتىم كۆرۈلدى kirpik005 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-31 15:22:30  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ