كۈز كىچىسىدىكى تەنھالىق

كۈز كىچىسىدىكى تەنھالىق

 

كەتتى بۇلبۇل، قالدى باغلار مۇڭسىراپ،

 كۆكتە تەنھا تۇلۇن ئايمۇ ھالسىراپ.

 

 سىرغىماقتا گۈل بەرگىدىن قەترىلەر،

 چەككىنىدەك باھار ئۈچۈن ئىزتىراپ.

 

 يىغلىمامدۇ سوخ كىچىدە ھەر كىشى،

 بولسا جۇدۇن، كەتسە يارمۇ ياتسىراپ.

 

 --مىرادىل، ئىزچى





197 قېتىم كۆرۈلدى izqi1 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-7 15:41:52  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ