مەن ئۈچۈن يېرىلغان يۈرەك دەپ بىلگىن

سېغىنىش

 

 ئابدۇلئەزىز  دىلكەش

 

 بىر كۆرسەم يۈرەكتە قالار نە ئارمان

 بەختىمدۇر مەن ئۈچۈن سېنى بىر كۆرۈش.

 يۈرۈگۈم تولغۇنار ئەلەملەر بىلەن،

 ۋىسال دەپ ئويلايمەن سېنى بىر سۆيۈش.

 

 يەتكۈزگىن ئەي جانان مىنى ۋىسالغا،

 بۇ دەرتلەر كەلمىسۇن باشقا بىر جانغا.

 قەلبىمدە ئېچىلغان پاك سۆيگۈ گۈلى،

 دىلبىرىم تاشلىما مېنى ئازاپقا.

 

 يۈرۈگۈم ئازابتا يېرىلسا بىر كۈن،

 مەن ئۈچۈن يېرىلغان يۈرەك دەپ بىلگىن.

 سەنسىز بۇ دۇنيا ماڭا قاراڭغۇ.

 زۇلمەتنى يۇرۇتقان يۇلتۇزۇم بولغىن.

 

 ئاھ تارتىپ، قىينىلىپ يۈرسەممۇ لېكىن،

 زارلاشتىن يىراقمەن بۇ كۈن-تۈنلەردە.

 ئويلايمەن بەختىمدۇر سۆيگىنىم سېنى،

 توۋلايمەن ئىسمىڭنى مۇڭلۇق كۈيلەردە.

 

2015-يىلى 12-ئاينىڭ28-كۈنى





167 قېتىم كۆرۈلدى dilkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-12 1:13:37  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ