دۆت دىمىگىن بىزنى مۇئ‍ەللىم

دۆت دىمىگىن بىزنى مۇئ‍ەللىم

 

چالۋاقىما دۈشكەللەپ بىزنى،

 دۆت دىمىگىن تىللاپ مۇئ‍ەللىم.

 قاپىقىڭدىن مۇزلار ياغسىمۇ،

 سەن قەلبىمدە بۈيۈك مۇئ‍ەللىم.

 

 ئانىمىزغا ئوخشايسەن گاھى،

 كۆيۈنىسەن چىن مىھرىڭ بىلەن.

 قاراڭغۇ دىل چۆلىگە چۆكۈپ،

 نۇر چاچىسەن چىن سىھىرىڭ بىلەن.

 

 ئ‍اق بور تۇتقان قولۇڭ توغرا يول،

 كومپاس بىزگە ھەربىر ھىكمىتىڭ.

 ئ‍ۇلۇغلۇقۇڭ قۇياشقا تەڭداش،

 ئ‍ەڭ بۈيۈكتۇر سىنىڭ خىزمىتىىڭ.

 

 ئىپتىخارلىق تىلەكلىرىم يار،

 بولسۇن ساڭا مەڭگۈ مۇئ‍ەللىم.

 قاپىقىڭدىن گۈللەر ئ‍ىچىلغاي،

 كۈندە كۈلۈپ يۈرگىن مۇئ‍ەللىم.

 

 2015. يىلى 17. ئ‍ىيۇن يەكەن

 ئەكبەرجان ئ‍ىدىرس ئ‍ەرچىن





290 قېتىم كۆرۈلدى ARQEN ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-15 10:04:58  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ