ئاشىق نىداسى
رىزۋانگۈل (مودەن)
پەرۋانە مەن ئوتۇڭدا ئۆلسەم ھەتتا رازىمەن،
ئاي يۈزۈڭنى ھەر كۆرسەم ئاتەش بولۇپ يانىمەن.
ئۇيقۇسىز ئاتار تاڭلار مىھرىڭگە قاچان قانىمەن،
كېچە-كۈندۈز ئۇيۇم سەندە، ھەتتا يېرىم جانىمەن.
بىتاقەت بوپ كۈتەرمەن قاياقتىن كىلەر دىلبەر،
ئىنىتىزارمەن سۆيگۈڭگە ماڭا بەرگىن تىز خەۋەر.
ئاشىق قەلبى ئىللارمۇ؟ مىھرىڭگە بولۇپ نائىل،
تەشنا يۈرەك قانمىسا ھەتتا ئۆزۈمدىن تانىمەن.
خىيال قىلىمەن جانانىم ۋىسالغا يىتەرمەنمۇ؟
ياكى ئىشىق ئوتۇڭدا ھەسرەت يۈتۈپ ئۈتەرمەنمۇ؟
سۈيۈپ پەقەت قەلبىمدە سىنى شۇنداق كۈتەرمەنمۇ؟
ئىشەنمىسەڭ گەر ئاشىققا، يۈرۈگۈمنى يارىمەن.
تاڭدىكى شەبنەم
2016- يىل11- ئىيون مايتاغ
124 قېتىم كۆرۈلدى | رىزۋانگۈل (مودەن) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-8-5 10:34:12 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-8-21 10:17:25 | ئەرچىن |
ياخشى يىزىپسز ، تىرىشىڭ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|