ئەنسىرەيمەن سەندىن نىگارىم - ھەسەنجان ئۇچقۇن
ئەنسىرەيمەن سەندىن نىگارىم
....................................
ئەنسىرەيمەن سەندىن نىگارىم ،
سۆيگۈمىزدىن ۋاز كىچەرمۇ دەپ .
كىچەر-كۈندۈز غەملەر تارتىمەن ،
مىنى تاشلاپ كىتەرمىكىن دەپ .
...........................................
ئەنسىرەيمەن سەندىن دىلدارىم ،
مىنى داغدا قويمىسىكەن دەپ .
چىن يۈرەكتىن تىلكىم شۇدۇر ،
بىر ئۆمۈرلۈك ھەمراھ بولسا دەپ .
..........................................
ئەنسىرەيمەن سەندىن جانانىم ،
ئازابىڭدا قالمىسامكەن دەپ .
سىنىڭ ئۈچۈن جېنىم تەسەددۇق ،
مىنى تەنھا قويمىسىكەن دەپ .
..........................................
ئەنسىرەيمەن يەنە نىگارىم ،
كۆزلەرىم ياش قالارمەنمۇ دەپ .
ئازابىڭدا تولغۇنۇپ ھەر كۈن ،
يۈرەك زەرداپ ئۈتەرمەنمۇ دەپ .
.........................................
تىلەگىم شۇ بىلسەڭ نىگارىم ،
بىرلا مىنى سۈيۈپ ئۆتسە دەپ .
گەر ئازدۇرسا شەيتان پەرەسلەر ،
سۆيگۈمىزدىن ۋاز كەچمىگەي دەپ
........................................
ئاپتۇرى: ھەسەنجان ئۇچقۇن...!!!
كوت كوت ھەم ئۈندىدار: 731725280...!!!!
2016-ئاينىڭ 7 - 26- كۈنى ...
خوتەن .....!!!!!!!!!




90 قېتىم كۆرۈلدى hasanjanuqk ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-2 14:01:54  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ