يۈتكەن روھ
ئەنۋەر ئەكبەر
ئىللەتنىڭ بورىنى چىققاچ ئەۋجىگە ،
قەۋمىگە توپاننى تىلەپتىكەن نوھ .
بۈگۈنكى شەيتانلار مىنگەچ گەجگىگە ،
يۈتۈپتۇ ئىنساندىن نۇرغۇن ئېسىل روھ .
يېتىملار مىسكىنلەر تولۇپتۇ ئەلگە ،
بايلىرىم ئايلاندى توققۇزى تەلگە .
ئىلتىجا ،ياردەملەر قۇلاققا ياقماي .
ئايلاندى قورساقنى قىستىغان يەلگە .
ئاتىلار روھىمۇ ئۆلگەچكە بەلكىم ،
قىزىمغا ئەڭلىك ۋە ئۇپىلار ئالدىم.
تەييارلاپ قويدۇم ھەم ئوغلۇمغا كۈلدان ،
خوتۇندىن تەنبىھ ۋە قارغىشلار ئالدىم .
ئانىلىق روھىمىمۇ ئۇچتى قاياققا ،
ئەس يادىم كۈن - كۈنلەپ چايدا- قاۋاقتا .
ئادىمىگەرچىلىك بولغاچ شوئارىم ،
ئەس - ھوشۇم باردىم ۋە ياندىم تاۋاقتا .
ۋاي تۆۋە ھېچكىمدە قالماپتۇغۇ ئار ،
بولۇپتۇ پەسكەشلىك ئۇلارغا دوست- يار .
قېرىنداش ئۆزئارا ئىچىشىپتۇ قان ،
قىزىغا كۆز تاشلاپ يۈرگەنلەرمۇ بار .
ھەر كەسىپ پايدىنى قىلىپتۇ نىشان ،
جازانە ۋە ئۆسۈم تۇرۇپتۇ يان - يان .
ئېتقادىم سۇسلىشۇپ كەتتىمۇ ياكى ،
پوشكالغا دۈم چۈپتۇ موللا ۋە ئىشان .
بۇ كەمدە ساقچىمۇ ساقچىدەك ئەمەس ،
ئوغرىغا تۈرمە باغ ، ئەركىنلىك قەپەز .
جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قازىلار بىغەم ،
ئەمەلدار خەلىقتىن ئەسلا غەم يىمەس .
مېھىر ۋە مۇھەببەت بولغاچقا كەمتۈك ،
ۋىجدان ۋە غورۇرى بەزىلەرگە يۈك ،
ھەيرانمەن ئەقلىنى ئىشلىتىپ ئىنسان ،
سەبىيلەر روھىغا تاشلاپتۇ يەمچۈك .
بىلمىدىم بۇ ھالنىڭ چارىسى نەردە ،
روھلارنى ئىزدىسەم ياتىدۇ يەردە،
نىمجان روھ قولۇمدىن تارتىپ پىچىرلاپ ،
دېدىكى ھەي ئىنسان ھالىڭ خەتەردە.
| 116 قېتىم كۆرۈلدى | ئەنۋەر . ئەكبەر | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-10-5 15:00:02 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|