باغاشلاپ ياتقۇم بار سېنى ھەر كېچە
ئەسقەر قۇربان(ئىقبال)
تۇنۇشقان ئاشۇ كۈن مېنىڭ ئېسىمدە،
پارلايدۇ چېھرىڭدە تەبەسسۇم كۈلكە.
ئوخشاتتىم مەن سېنى توق قىزىلگۈلگە،
چىقمايسەن ئېسىدىن شۇڭا ھەر كېچە.
بىقىشىپ جۈپ كۆزلەر تاتلىق نازبىلەن،
ئوت سالغان ئىدىغۇ مىسكىن يۈرەككە ،
باشلاندى شۇندىلا ئازابلىق كۈنلە.
باغاشلاپ ياتقۇم بار سېنى ھەركېچە.
سېغىنىش ئىستىكى قىينايدۇ مېنى.
كەتمەيسەن خىيالدىن ئەجەپمۇ شۇنچە.
كۆزلەردە ئۇيقۇ يوق ئازاپ ئىچىدە.
باغاشلاپ ياتقۇم بار سېنى ھەر كېچە.
ھىجراننىڭ پىراقى قىينىدى مېنى.
ئاراملىق بەرمەي شۇ ئاجىز يۈرەككە,
شۇنچىلىك سېغىندىم سېنى كۆرۈشكە.
باغاشلاپ ياتقۇم بار سېنى ھەركېچە .
ساقلاتماي كەلگىنە تېزراق يېنىمغا.
قانداقمۇ چىدىدىڭ غەمسىز يۈرۈشكە.
تەشنادۇر يۈرۈگۈم ئوتلۇق سۆيۈشكە.
باغاشلاپ ياتقۇم بار سېنى ھەر كېچە.
ئاقسۇ -كەلپىن
2016.9.6
438 قېتىم كۆرۈلدى | ikbal | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-9-14 9:09:18 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-9-14 23:51:03 | غېنى |
ۇ ،كىم ¿ دگەن ەسەر ياخشى يېزلپتۇ جۇما |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|