ئانىلارغا (نەسىر )
ئابدۇقەييۇمجان ( ئەختەر )
‹‹ ئىڭە ›› دېگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ ، ئۇيقۇلۇقتا سىلاپ – سىپاپ ئىڭەلىگەن بالىسىنى ئېمىتىپ، مېھرلىك كۆزلىرى بىلەن يۈرەك پارىسىگە قاراپ تويمايۋاتقان كىم ؟
تەم – تۇم ماڭغان قوزىسىنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ، چارچاپ ھالى قالمىسىمۇ چېھرىدىن كۈلكە كەتمىگەن كىم ؟
بالام دەپ مىڭ پارە بولۇپ، بالام دەپ بارىنى بېرىپ ، مەكتەپكە يولغا سېلىپ كەينىدىن ئالدىراش ئىشقا ماڭغان كىم ؟
ئىشتن قايتىپ كىيىملىرنى ئالماشتۇرۇشقا، قولىنى يۇيۇشقا ئاران ئۈلگۈرۈپ ، تاماققا تۇتۇش قىلىۋاتقان، تاماقتىن كېيىن قاچا يۇيۇپ ، بالىسىنىڭ تاپشۇرۇقىنى تەكشۈرۈۋاتقان،باللىرىم ياخشى ئۇخلىسۇن دەپ يۇمشاق ئورۇن ھازىرلاۋاتقان كىم ؟
زىمىستاندا ئىللىق قوياش،باھاردا مەيىن شامال ، تومۇزدا سايە بولۇپ، پەرزەنىتلىرىنى مېھرىبان ئىنسان بولۇشقا ئۈندەۋاتقان كىم ؟
قىززىق تونۇرغا نەچچە قېتىم باش تىقىپ، قىززىق تونۇر تەپتىدە قىزارغان يۈزىدىن رەڭ ئېلىپ پىشقان توقاچلىرى بىلەن ھاياتلىققا لەززەت بېغىشلاۋاتقان كىم ؟
يۇلتۇزلار جىمىرلىغان، تولۇن ئاي زېمىنغا مېىر بىلەن باققان تۈن كېچىلەردە تېخى ئۆيگە كەلمىگەن بالىسىنى زارىقىپ كۈتۈپ، ئۇيقۇسىرىغان كۆزلىرىنى بىر نۇقتىغا تىككىنىچە ئولتۇرغان كىم ؟
ئانىلار ،مەن ئىزدىدىم ، ھەممە يەردە سىلەرنىڭ سىمايىڭلار ، سىلەرنىڭ ئىزلىرىڭلار بار ئىكەن. ئېھ ، ئانىلار ! قەلبىڭلاردا سوۋۇماس ئاتەش مۇھەببەتلىك مىھرلەر بولغانلىقى ئۈچۈن ، بالام دەپ ئوتقا كىرىشتىن ، سۇدا ئېقىشتىن يانمايسىلەر . سىلەرنىڭ سېخىيلىقىڭلار زېمىننى خىجىل قىلسا، مېھىر – مۇھەببىتىڭلار قۇياشنى خىجىل قىلىدۇ . ھەربىر تاڭ ، ھەربىر پەسىلدىكى گۈزەللكلەر سىلەرنىڭ تەبەسسۈمىڭلاردىن قىزغىنىدۇ. ئانىلار ، سىلەر پەرىشتە ! چۈنكى سىلەر ئازاب ، قايغۇ ،جاپا - مۇشەققەتلەرنى ئۆزۈڭلارغا قالدۇرۇپ ، بىزگە بەخىت ھەدىيە قىلغان . شۇڭا يولۇڭلار ئاق ، تېنىڭلار ساق ، ئالتۇن بويۇڭلار ئامان بولسۇن ! شۇ ئامانلىقتا قەلبىڭلارغا تولۇپ تاشقان ئالەمچە مۇھەببەتلەر سىلارگە مەنسۇپ ! جاپاكەش ئانىلار ، سىلەر باسقان ھەر بىر قەدىمىڭلاردىن گۇللەر ئىچىلسۇن ، دۇنيا مىھىر – مۇھابىتىڭلار بىلەن گۇزەل! مۇھەببەتلىك قەلبلەر مېھىر – مۇھەببەتكە تولسۇن ! !
- يىلى 31-ماي 2015
390 قېتىم كۆرۈلدى | AHTAR | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-1 12:39:22 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-12-19 2:26:22 | زۇلخۇمار |
بۇ ئەسەر بەك ياخشى يېزىلپتۇ،ئاپتورغا كۆپ رەخمەت،تېخمۇ تىرىشڭ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|