ئايال
ئابدۇۋەلى تۇرسۇن
سەن ھىممىتى ياراتقۇچىنىڭ ،
نەسىللەرگە ۋەتەن قىپ بەرگەن.
ئىنسانلىقنىڭ جەۋھەرلىرىنى ،
يۈرىكىڭنىڭ تېگىگە كۆمگەن.
سەن ھاياتنىڭ سۆيگۈ داستانى،
ئاشىقلارنىڭ پۈتمەس مەنزىلى.
سەن مېھىرنىڭ كۈلگەن ئاسمانى،
نۇر ئېمىدۇ تەشنا دىل گۈلى.
سەن تارىخنىڭ ئالتۇن قەلىمى،
ئىزلىرىڭدىن يارىلار كەچمىش .
نەرە تارتقان باھادىرلارمۇ ،
غەزىبىڭدىن قىلىدۇ تەشۋىش.
سەن كېلەچەك ئويغانغان باھار ،
ھەر چېچەكتىن ياڭرايدۇ كۈلكەڭ .
باغرىڭ سېنىڭ بىر مۇنبەت تۇپراق ،
كارۋانلارغا مەڭگۈلۈك ئۆتەڭ.
| 49 قېتىم كۆرۈلدى | arislan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-3-15 18:31:47 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|