بوپتۇ دىگىن تۈگەيدۇ بىر كۈن
يۈسۈپجان سايرامى ( زىنھار )
غۇنچىلار چىچەكلەپ ئېچىلار بىر كۈن ،
ياپراقلار تۆكۈلۈپ توزار ھەم بىر كۈن .
خوش بولۇپ كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن ،
تۈگەيدۇ جانۇ ھەم جاھانمۇ بىر كۈن .
يۈرەكلەر پۇچلىنىپ سەرسان بولسىمۇ ،
گۈللەر ئارىسىدا گەر تىكەن بولسىمۇ .
خۇشاللىققا قايغۇلار جۆر بولسىمۇ ،
بوپتۇ دىگىن تۈگەيدۇ بىر كۈن .
كوچىلاردا يىگانە سەرسان بولساڭمۇ ،
تېڭىرقاپ ھەريان غەمكىن يۈرسەڭمۇ .
ساختىغا ئالدىنىپ ئەلەم يىسەڭمۇ ،
بوپتۇ دىگىن تۈگەيدۇ بىر كۈن .
تىمتاس كېچە تەنھا قالساڭمۇ ،
پىنھانلاردا ياشلار تۆكسەڭمۇ .
خىيانەتكە ئۇچراپ تۇرساڭمۇ ،
بوپتۇ دىگىن تۈگەيدۇ بىر كۈن.
ئالدىڭ ئېگىز داۋان بولسىمۇ ،
قەدەم ئالساڭ تاشلار توسسىمۇ.
تىكەن كىرىپ قانلار تولسىمۇ ،
بوپتۇ دىگىن تۈگەيدۇ بىر كۈن .
پارچە نانغا زار_زار بولساڭمۇ ،
كۈن نۇرىغا تەشنا بولساڭمۇ .
گەرچە مېيىپ ئاجىز بولساڭمۇ ،
بوپتۇ دىگىن تۈگەيدۇ بىر كۈن .
دوستۇم دىگەنلەر ئىشەنمەس بولسىمۇ ،
يات كۆرۈپ ياكى دۈشمەن بىلسىمۇ .
زەھىرىنى چېچىپ تىغىنى ئۇرسىمۇ ،
بوپتۇ دىگىن تۈگەيدۇ بىر كۈن .
كۆزىڭىدە قان ياش ئۇيۇپ قالسىمۇ،
كۆرمەس بولۇپ نۇرسىز قالسىمۇ.
بېشىڭ قات-قات غەمدە قالسىمۇ ،
بوپتۇ دىگىن تۈگەيدۇ بىر كۈن .
2016-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى (سەھەر)
##ئاپتۇر ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ ##
| 204 قېتىم كۆرۈلدى | zinhar | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-17 17:34:05 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|