دادا ھەسرىتى - رىزۋانگۈل

         دادا ھەسرىتى
رىزۋانگۈل ئابدۇكېرىم (مودەن)

بولسۇن دەيدۇ ئ‍اتىسى بارلار كۆپ شۈكىرلىك،
خۇشال كۈلگىن ئ‍اتىلار بايرام مۇبارەك!.
يەنە دەيدۇ سەبىرلىك بولسۇن ئ‍اتىسىز،
بىلمەيدۇكى بەك مۈشكۈل تىلغىنار يۈرەك.

سەبىر سۈزى بەك ئ‍اسان ئ‍ېيتىشقا بىراق،
چىداش مۈشكۈل ۋەلىكىن يەتمىسە تاقەت،
نىسىپ بولماس دادىسىزغا ..كۈلكىلەر يىراق،
يۈرەكلىرى سەكپارە چاندۇرماس  پەقەت.

پىنھانلاردا تۇيدۇرماي تۈكەر يېشىنى،
سېغىنىشنىڭ ئ‍وتلىرى   كەتكەچكە يالماپ.
ئ‍ۆزگىلەر ھەم سيلىماس مىسكىن بېشىنى،
ھەسرەتلىرى دىللارغا كەتتىغۇ يامراپ.
2016-يىل 19ئ‍ىيون .مايتاغ
     





50 قېتىم كۆرۈلدى رىزۋانگۈل ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-16 11:48:34  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ