كۆنۈشۈم كىرەك

كۆنۈشۈم كىرەك

 

 قادىر ئ‍ابلەت

 

 تەنھالىققا كۆنۈشۈم كىرەك،

 چۈنكى،

 گۆرۈمدىمۇ يالغۇز ياتىمەن،

 يالغۇز كەلگەن تۇرسام دۇنياغا،

يەنە نىچۈن؟

 ئ‍ارتۇقچە ئ‍اھ ئ‍ۇرۇپ كىتىمەن.

 

ئ‍ازاپلارغا كۆنۈشۈم كىرەك،

 چۈنكى،

 كۈلۈپ تۇرۇپ ياشىشىم كىرەك،

 غەملەر باسسا يەلكەمنى ئ‍ەگەر،

 دەس ئ‍ورنۇمدىن تۇرۇپ كىتىمەن.

 

 كۆنۈشۈم كىرەك،

ھەممە-ھەممىگە،

 چۈنكى،

 ھامان بىر كۈن ئ‍ۆلۈپ كىتىمەن،

 شۇنداق خالىي تىنىچ بىر جايغا،

 تىنىمنلا ئ‍ىلىپ كىتىمەن.

 

 كۆنۈشۈم كىرەك،

چىدىشىم كىرەك،

 ئ‍ىنساپ بىلەن ياشىشىم كىرەك،

 چۈنكى ھامان ھىساپ بىرىمەن.

 

 2015-2-5





153 قېتىم كۆرۈلدى قادىر ئ‍ابلەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-7 22:38:23  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ