قالمىدى
 قالمىدى
 
  ئابدۇرەشىد ئابدۇكېرىم
 
ھېچ بىلمىدىم ئىنسانلىرىمدا ۋاپا-ئىنساپ قالمىدى،
بۇ نادانلىقنىڭ ئالاماتى،دىيانەتمۇ قالمىدى.
شەرمە-ھايا،ئەخلاق دىگەننى ئۇنۇتتى شۇ بىلمىدى،
بولدى نادانلار خوجايىن ،دەنالىقمۇ ھەم قالمىدى.

پۇلنى ئۆزى ئەۋزەل بىلىپ،قالدى ئاتا-ئانا نېرى،
سۆزلەڭ دىسە ئاتا رازى،ئانا رازى دەيدۇ ئۆزى.
ياخشى-ياماننى پەرىق ئەتمەي تەخە شۇ ئۇندىن نېرى،
ئەقىلدارلىق قىلىشىپلا ئادىمىلىكمۇ قالمىدى.

ئادەم بولماقمۇ تەس ئىكەندە بىلمەپتىمەن-مەن ئۆزى،
توغرا يولنى كۆرسەتسە خەلقىم تەھتىگە يەتمەي ئۈزى.
شۇ ئىشتا دەنالىق قىلىپ ئىنسانلىقتىن چىقتىم ئۈزى،
ھاياتنىڭ قەدىرگە يەتمەي ھەم، بىزگە نەپرەت قالمىدى.
ـــــ شىپائى 2015-يىلى 15-دىكابىر
 




180 قېتىم كۆرۈلدى abduraxit ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-15 18:04:48  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ