سىنى سېغىنسام شېىر يازىمەن
خەلچەم خېلىل
سىنى سېغىنسام شېىر يازىمەن،
يازغانلىرىم ئازاپ بۇلۇدۇ،
دۇنيالىرىم خاراپ بۇلۇدۇ،
ئارمانلىرىم سەندە ئۈلۈدۇ،
دۈشمەنلىرىم مەندىن كۈلۈدۇ.
سىنى سېغىنسام شېىر يازىمەن،
دەريالاردا سۈيۈم قۇرۇيدۇ،
ئۈنۈم چىقماس،كۈيۈم قۇرۇيدۇ،
بىر سەن ئۈچۈن باراقسان بولغان،
گۈلزاردىكى گۈلۈم قۇرۇيدۇ.
سىنى سېغىنسام شېىر يازىمەن،
ياپراقلارنىڭ شىۋىرلاشلىرىنى ئاڭلىمايسەن،
دوس يارەنگە داڭلىمايسەن،
ئسىڭگە كەلمەس سەن ئۈچۈن،
ئويلانغان،
ئويغانغان،
تولغانغان،
تىرىك بىر جەسەت.
سىنى سېغىنسام شېىر يازىمەن
كۈيەلمەيسەن غېرىپ ئۇتىدا،
ئاقالمايسەن دەريالەردە ھەم،
قازالمايسەن مىڭ بىر ئۆيلەرنى،
قارىمايسەن يۈسۈپۈم دىسەم،
ئاچالمايسەن دەرتلىك كۆزلەرنى.
سىنى سېغىنسام شېىر يازىمەن
تۈنىمايسەن ئاقارغان چاچنى،
ئېيتالمايسەن ھىجرانلىق ياشنى.
سىلىمايسەن ۋىسالسىز باشنى،
تاشلايسەنكى نىمجان تىنىمگە،
جۇدالىق دىگەن مىڭ پاتمان تاشنى.
ئۈگىنەلمىدىم قانداق چىداشنى،
ئۈگىنەلمىدىم كىملەرگە ئوخشاپ،
شاختىن شاققا قۇنۇپ سايراشنى.
سىنى سېغىنسام شېىر يازىمەن،
سەن بارسا كەلمەس يول،
ئۆلمىسەممۇ جېنىم بولمايدۇ
يىگەنلىرىم نېنىم بولمايدۇ،
گۈلزارلاردا ئىزىم بولمايدۇ
ئاسمانىڭدا ئېيىم بولمايدۇ.
سىنى سېغىنسام شېىر يازىمەن
ئىشىكلىرىڭ مەن ئۈچۈن ئېچىلمايدۇ،
كۈيلىرىڭدە زار زار نىدا بار،
مارجان بۇلاق چېچىلمايدۇ.
يۈرۈگۈمنى يېرىپ بەرسەممۇ،
جانلىرىمنى سېلىپ بەرسەممۇ، خائىن سۆيگۈڭ،
بىر مەن ئۈچۈن سېتىلمايدۇ.
شېىر يازىمەن،ساڭا يازىمەن
كۈيۈپ تۇرۇپ،
سۈيۈپ تۇرۇپ،
يىغلاپ تۇرۇپ،
تىللاپ تۇرۇپ،
قارغاپ تۇرۇپ،
شېىر يازىمەن.
دەپتەرلىرىم مەيىن يەلپۈنەر،
مىسرالىرىم سېلىپ پايانداز،
قەلەملىرىم سەن تامان يۈرەر....
128 قېتىم كۆرۈلدى | خەلچەم خېلىل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-15 0:48:43 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-10-19 19:03:16 | مىھرى |
ياخشى يېزىلىپتۇ |
2016-10-19 19:01:56 | مىھرىگۈل |
بەك ياخشى يېزىلپتۇ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|