مۇزات بۇيىغا كەلگەندە
باھارگۈل ئىبراھىم
1
كىچىكىمدە ئاڭلىغان مەن تەرىپىڭنى،
سۈيى سۈزۈك،مىھىرلىك،سېھىرلىك دەپ.
بويلۇرۇڭدا پادا باققان چاغلاردىمۇ،
كۆرمەپتىمەن ئەسلى سىنى ئىنچىكىلەپ.
ئاڭلىسىمۇ يەتمەيدىكەن چىن كۆرگەنگە،
بۈگۈن كىلىپ بۇيلۇرۇڭغا زوقۇم تاشتى.
بالىلىقنى ئەسلىگەندە قايتا باشتىن،
خوشلۇقۇم مىھرىڭ بىلەن قۇچاقلاشتى.
يامغۇرلۇق ئايلارنىڭ كەلكۈنلىرىدەك،
ۋۇجۇدۇمغا ئىلھامى ھىسلار يامرىماقتا.
قويۋېتەي قۇشلىرىنى ئىلھامىمنىڭ،
پەرۋاز قىلسۇن مۇزاتتىكى بوستانلىقتا.
2
مۇزات بويۇڭدا تاشلىق تۈگەي دەپتۇ،
تاشلىقنى باغۇ-بوستان ئىگەللەپتۇ.
كىندىكدۆڭ، جىگدەباغ، قاقتام، قۇمۇللۇق،
يېشىللىق قاينىمىغا چۆكەي دەپتۇ.
بويلۇرۇڭدا قەد كۆتۈرۈپ بىنالار
يۇرت-يۇرتتىن مىھمان جەلىپ قىلاي دەپتۇ.
مۇزات بۇيى گۈلزارلىق باغچىسىغا،
بىر كىشلىك ھۆسنىنى قوشاي دەپتۇ.
يېڭى باغچا بەكمۇ سالقىن،خۇش ھاۋالىق،
كۆچەتلەرمۇ مېۋىلەپ پىشاي دەپتۇ.
ساياھەتكە كەلسە مىھمان بۇ جايلارغا،
خۇشھاللىقنى ئاڭا سوۋغا قىلاي دەپتۇ.
مۇزاتلىقنىڭ ئەمگىكىدىن،ھەم ئەقلىدىن،
مۇزات بۇيدا گۈزەل جەننەت پۈتەي دەپتۇ.
مۇزاتلىقلار ياقتۇرمىغاچ تاش،قوراينى،
قورايلىقتا گۈلشەن بەرپا قىلاي دەپتۇ.
مېھنەتلەردىن پۈتكەندە گۈزەل مەنزىرە،
بارچىنى جەلىپ ئەت كۆركۈڭگە دەپتۇ.
شۇئان كەلسۇن ھەر كىشىنىڭ ئېسىگە،
بويۇڭدىكى سېھرى بوستانلىق دەپتۇ.
تۇرماقتىمەن ھاياجان ئىلكىدە شۇ دەم،
مۇز ئۈستىدىمۇ كۆيمەكتە جىسمىم ئېرىپ.
مۇزات بۇيى گۈزەل ئىكەن قىشىڭمۇ ھەم،
مۇزاتلىقلار بىزىگەنمۇ مىھىرنى بېرىپ.
2016-يىلى 25-فېۋرال باي
210 قېتىم كۆرۈلدى | باھارگۈل ئىبراھىم | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-6-19 23:34:13 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|