پىدايىڭمەن خەلقىم

پىدايىڭمەن خەلقىم

 

ئابدۇرەشىد ئابدۇكېرىم شىپائى

 

 پىدايىڭمەن خەلقىم،مەن ساڭا كۈندە ئاشىق،

 تۇغۇلۇپلا مۇھەببەت باغلاپ ساڭا ئاشىق.

 

 ئىشقىمنى ئىزھار ئەيلىسەم قىلدىڭ ئاھانەت،

 نە چارە رەنجىشىم يوق،شۇڭا ساڭا ئاشىق.

 

رەقىبلەردەك سۆز قىلما، ئۆزىڭگە ھەم شۇنداق،

 سەن مېنىڭ خەلقىم، مەنمۇ سېنىڭ، ساڭا ئاشىق.

 

 ئىتاپ ئەيلەپ ئەيىپ ئاچما، نوخسساندۇر ساڭا،

گۈزەل ھېكمەتلىرىڭنى ياغدۇر ساڭا ئاشىق .

 

 پۈتۈن جىسمىم ساڭا مەنسۈپتۇر شۇڭا خەەلقىم،

 قېلاي دەيمەن بىر ئۆمۇر خىزمەت ساڭائاشىق.

 

ۋىسالىڭغا يېتەلىسەم شۇ مېنىڭ بەختىمم ،

 دىلىمدا كۆپ ئارمان، جان پىدا ساڭائاشىق.

 

 ئوتۇڭدا كۆيسەم دۈشمىنىڭدىن ھەزەر ئەيلەپ،

 تاجى، تەختىم ئۇ سېنىڭ تەختىڭ، ساڭا ئاشىق.

 

 2016- يىلى 2- ئاي





98 قېتىم كۆرۈلدى abduraxit ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-4 18:50:57  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ