سېنى ئىزلەيمەن
*
ئۆز ئىجادىيەت 《توقسۇ》
*
سەن ھايات يۈرەمسەن، ئۆلدۈڭمۇ ياكى؟
ياشايسەن قەيەردە؟ بۇنى بىلمەيمەن.
كۈنۇ تۈن ھىجرىڭدە خازاندۇر دىلىم،
بۇ چەكسىز زېمىندىن سېنى ئىزلەيمەن.
*
يۈرەكتە سەن ئۈچۈن نالىلەر باردۇر،
تۈنلەردە كۆزلىرىم ئۆكسۈيدۇ ھامان.
كۈيلىرىم لاۋۇلداپ قىزىل گۈلخاندەك،
ئەلەملىك ھالىمنى ئەيلەيدۇ بايان.
*
دەسلەپتە دىل بېرىپ، ئۇنۇتتۇڭ كېيىن،
سەن مېنى ئازابتا ئۆرتىگەن ئادەم.
چېھرىڭنى سېغىنىپ يۈرمەسمەن ئەمدى،
كېتەرسەن بىر كۈنى خىيالىمدىن ھەم.
2015 يىل 5 ئاينىڭ 31 كۇنى
ئاپتۇرى تۇقسۇ ناھىسدىن رۇقىيە
| 233 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
| 2015-7-31 0:27:51 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|