سەن قەدرىمگە يەتكەن چېغىڭدا

         سەن قەدرىمگە يەتكەن چېغىڭدا

فىردەۋىس قۇربان

سەن قەدرىمگە يەتكەن چېغىڭدا،
مەن سېنىڭدىن بولىمەن  كېچىپ.
ئۈمىدلىرىم ئۆچكەن چېغىمدا،
كېپىنىمنى بولىمەن  پىچىپ .

سەن قەدرىمگە يەتكەن چېغىڭدا،
ئەلەم ئىچرە يىغلايسەن زار زار.
شۇ «دوست»لىرىڭ يوقتۇر يېنىڭدا،
سورىمايدۇ سەندىن ھال ئەھۋال.

سەن قەدرىمگە يەتكەن چېغىڭدا،
ئاھ ئۇرىسەن قىلىپ پۇشايمان،
ئازاب قايغۇ ھەمراھتۇر ساڭا،
ئاشىقلارنىڭ زارى بەك يامان

سەن قەدرىمگە يەتكەن چېغىڭدا،
كىممۇ بېرەر ساڭا تەسەللىي،
چىن سۆيگۈنى خارلاپ قويغاننىڭ،
زارلىنىشى ئەمەس ئەقەللىي

سەن قەدرىمگە يەتكەن چېغىڭدا ،
سېنى كۈيلەپ سايرىماس بۇلبۇل.
مۇھەببەتنىڭ قىساسى تۇتۇپ،
ناپاك روھىڭ بولىدۇ چۇل چۇل

سەن قەدرىمگە يەتكەن چېغىڭدا،
ۋىجدانىڭمۇ تارتىدۇ ئىزا.
ئەمما قايتىپ كەلمەيدۇ ھەممە،
قىلساڭمۇ گەر يىغلاپ ئىلتىجا.

سەن قەدرىمگە يەتكەن چېغىڭدا،
باشلىرىڭدا چاقىدۇ چېقىن.
ئازغۇنلۇققا پاتقان ئىزىڭدا،
پاك مۇھەببەت كۆتۈرۈپ چۇقان.

سەن قەدرىمگە يەتكەن چېغىڭدا،
نامەرد كېرەك قىلمايدۇ سېنى.
مەنچىلىكمۇ تۇرماس يېنىڭدا،
ئاشكارىلاپ ئەسلى ئەپتىنى.

سەن قەدرىمگە يەتكەن چېغىڭدا،
بەرگلىرىڭ كېتىدۇ قۇرۇپ.
چۈشىنىكسىز ھىجران دىلىڭدا،
خار سۆيگۈنىڭ ئاھلىرى ئۇرۇپ.

سەن قەدرىمگە يەتكەن چېغىڭدا،
خىيالىمدىن كەچمەيسەن پەقەت.
سەرسان بولغاچ ۋىسال بېغىڭدا،
قارىمايمەن ساڭا تائەبەت.

سەن قەدرىمگە يەتكەن چېغىڭدا،
تۇنجۇقىدۇ بىۋاپا سۆيگۈڭ.
گەر قايتقىلى بولسا ئۆتمۈشكە،
كېلەر ماڭا قايتىدىن كۆيگۈڭ.

سەن قەدرىمگە يەتكەن چېغىڭدا،
پورەكلىمەس گۈللەر بېغىڭدا،
يار قەدرىنى بىلمىدىڭ ئازغۇن،
جېنىم ساڭا  پىدا چېغىمدا.

سەن قەدرىمگە يەتكەن چېغىڭدا،
شاماللاردىن سورايسەن مېنى.
ساڭا باردۇر يۈرەكتە نەپرەت،
كۆرمىسەمكەن مەڭگۈگە سېنى.

سەن قەدرىمگە يەتكەن چېغىڭدا،
چاچلىرىڭنى يۇلىسەن يىغلاپ.
مېنى شۇنداق يىغلاتقان ئىدىڭ،
ساڭا سادىق يۈرەكنى تىلغاپ.

سەن قەدرىمگە يەتكەن چېغىڭدا،
كەچۈر مېنى دەيسەن ئىچىڭدە.
مەندىن كېچىپ يۈرگەن چېغىڭدا،
يوق ئېدىمغۇ ئەسلا ئېسىڭدە.

سەن قەدرىمگە يەتكەن چېغىڭدا ،
ئۆز ئۆزۈڭگە ئوقۇيسەن نەپرەت،
چاتقاللاردا ئازغان چېغىڭدا،
ساڭا ھەمراھ ئىدىغۇ غەپلەت.

سەن قەدرىمگە يەتكەن چېغىڭدا،
چاچلىرىڭمۇ ئاقىرار بەلكىم.
قەلبىڭدىكى ئازغۇن تۇيغۇلار،
شۇچاغ ئاندىن ساقىيار بەلكىم.

    -فىردەۋىس قۇربانىي
28.27.ماي،2017.
قەشقەر
ئاپتور ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ .

مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

ئۈندىدار  : 2042420589

 

ئەسكەرتىش : ئەسەرلەرنى تورىمىز ۋە ئاپتۇرنىڭ ماقۇلىقىنى ئالماي ھەر قانداق مەدبۇئات ئورۇنلىرى ، توربەت ، سالۇنلارنىڭ خالىغانچە تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ . ئەگەر شۇنداق ئەھۋاللار بايقالسا بارلىق ئاقىۋەتكە تارقاتقۇچى تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ !!


     





108 قېتىم كۆرۈلدى فىردەۋس قۇربان ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-7-2 14:23:11  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ