كىتاپ ئەمەس يۈرۈكۈم

‏كىتاب ئەمەس يۈرۈكۈم

 

بىلىقىز ئەمەت 

 

كىتاب ئەمەس يۈرۈكۈم ئوقۇيدىغانغا،

 چۈشەنسەم دەپ بولمىغىن سەن ئاۋارە.

 يۇشۇرمۇدۇم سىرلىرىمنى سېنىڭدىن،

ئويناپ - كۈلگىن يۈرۈكۈمدە ئازادە. ‏

 

 ھەيران قالما كۆزلۈرۈمدە ياش كۆرسەڭ،

 بەخىت يېشىم،كۈلۈپ يۈرگىن مېنىڭدەك.

 تەشۋىشلەردە يۈرمە ھىرگىز ئۆتۈنەي،

يوقتۇر باشقا قەدىردانىم سېنىڭدەك.

 

‏ خوشاللىقىڭ ئالەم بىلەن تەڭ ماڭا،

 باقما ھەرگىز ھەسرەت بىلەن كۆزۈمگە.

كۈلگىنىڭنى كۆرەلىسەم بەختىم شۇ،

ئىشەنگىن سەن يۈرەكتىكى سۆزۈمگە.

 

 ‏ باھارىمسەن گۇمانىڭنى قايرىۋەت،

 مىھرىڭ بىلەن كۆزلۈرۈمگە قاراپ باق.

غەپلەت بىلەن يۇغۇرمىغىن سۆزۈمنى،

 خىيالىڭدىن مېنى قايتا سوراپ باق .

 

‏ ‏2015-يىل باي چوڭكۆۋرۈك





228 قېتىم كۆرۈلدى ehsanay ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-18 0:06:41  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-19 22:55:17 بىلىقىز ئەمەت پاك
مېنىڭ يازغان شېئىرلىرىم سىزنىڭ بولۇپ قالدىما توۋا
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ