دېھقانغا مەدھيە
ئېلشاتجان ئېزىز يىگچى
مېھنەتكە نېھمەت قوشقان شۇ دېھقان ،
چۆلنى بوستانلىق قىلدى شۇ دېھقان.
ئەجىر مېھنەتتىن كۈلۈپ تۇرسىمۇ ،
قۇرۇق قول نامرات يەنە شۇ دېھقان .
ئورغاقتەك ئېگلىپ ئىشلەيدۇ دېھقان ،
ھەر بىر دان ئۈچۈن تۆكتى تامچە قان .
گەر جاپا چەكسىمۇ قىلمايدۇ پەرياد ،
دۇنيادا يوقتۇر دېھقاندەك ئىنسان .
قىشنى ياز دىمەي ئىشلەيدۇ دېھقان ،
تارتتى مۇشاققەت يەتكۈچە دېھقان.
ئالتۇن باشاقتىن ھۇسۇل ئالغاندا ،
كۈلدى شاتلىقتىن چېھرىدە دېھقان .
مەردانە خۇشخۇي مېھماندوست دېھقان ،
كۆڭلى تۈز ، ئاقكۆڭۈل سادا ھەم ئىشچان .
قىلماس ئۇ ھېچكىمگە بىرەر خىيانەت ،
كۈلپەت كېلىپ بېشقا ئۆلسمۇ ھامان .
دېھقانلار تېرىغان بۇغداي قوناقلار ،
دۆلەتنىڭ ، خەلقنىڭ ھاياتتى جېنى .
شۇڭلاشقا قەدىرلەڭ ئاشلىقنى دائىم ،
سىز يىگەن تائامىلار دېھقاننىڭ نېنى .
2015-يىل 4- سىنتەبىر ( ئونسۇ )
| 147 قېتىم كۆرۈلدى | yigqi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-1-12 12:43:31 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|