نامەرتلەرگە سېرىڭنى ئەيتما - ئېلىجان ئابدۇكىرەم

 نامەرىتلەرگە سېرىڭنى ئەيتما

ئېلىجان ئابدۇكىرەم

قوي باقتىمدەپ بورنى باقما،
دوست تۇتتۇمدەپ تۈلكىنى تاپما.
ۋىجدان بولسۇن بارچە دوستۇڭدا،
نامەرتلەرگە سېرىڭنى ئەيتما.

كۆزقىزارتار شۆھرەتلىرىڭگە،
غەيۋەت قۇشار تۆھمەتلىرىڭگە.
چاۋاك چالار كۈلپەتلىرڭگە،
نامەرتلەرگە سېرىڭنى ئەيتما.

دوستۇم دەيدۇ ئارقاڭدىن يۈرۈپ،
سەن يېغلىساڭ يۈرەر ئۇ كۈلۈپ .
ئېچىپ تاشلار ئەيپىڭنى سۆكۈپ،
نامەرتلەرگە سېرىڭنى ئەيتما .

نامەرتلەرگە دوست بولماق بەكتەس،
ھېلگەرلىك ئۇنىڭدا پەۋەس.
ھامان بىركۈن باسار سېنى نەس،
نامەرتلەرگە سېرىڭنى ئەيتما.

دائىم سەندىن قوسۇر ئىزدەيدۇ،
ئايرىلمايمىز دوستلار بىزدەيدۇ.
شۇنداق قىلىپ ئاخىر جۆندەيدۇ،
نامەرتلەرگە سېرىڭنى ئەيىتما.

مەيلى ئايال مەيلى ئەركىشى،
ھەربىر جاننىڭ بۇلۇر سىردشى.
بولالمىغان دەرتمەن دىلكىش،
نامەرتلەرگە سېرىڭنى ئەيىتما.

ئۈندىدار 2318334127

2016...9...19
     





42 قېتىم كۆرۈلدى dlkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-19 23:54:37  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ