ئۇنتۇش ۋە ئۇنتۇلۇش خاتىرسى
خۇما (يامغۇر)
يامغۇرلۇق بىر كۈنى،
پۈتۈن بىر كىچە،
ئۆز-ئۆزۈمگە چىلىنىپ ئولتۇرۇپ،
پارە-پارە قىلىپ چېقىپ تاشلىغانچە،
ھەسرەتنى قۇچاقلىرىمدىن يۇلۇپ ئېلىپ،
بارچە ھەسرەتلىرىمگە قېتىپ،
ئەسلىمىلىرىمنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلمەن،
توزىتىمەن ئازاپلارنى يامغۇرنىڭ تەن بەرگىدىن،
ھەممە قۇتۇلىدۇ ئۆلۈم ئىسكەنجىسدىن،
كىچە قوينۇمدا ئىدى،
شۇدەم ئىچىم قانىدى ،
لىققىدە ھەسرەت ئارىلاش سىغىنش باغرىمنى ئۆرتىدى،
ئەپسۇس،يۈرۈكۈم ئاغرىقنى سەزمەسلا بولدى...
ئازاپلانغۇم يوق،
ھەسرەتكە قۇل بولغۇم يوق،
ئۆلگۈم بار ئىدى،
ئۆلۈمدىن قورقىمەن،
ئەمما ئاسان ئۆلۈم تىلەيمەن دائىم،
ھەسرەتكە ئايلانغان يۈرىكىمنى يۇلۇپ ئۇلتۇرۇپ،
تاتلىق ئۇخلىغان پىتى ئۆلۈپ قالسامچۇ كاشكى....
2016-يىل26-ئىيۇل .غۇلجا .
كىچە.
55 قېتىم كۆرۈلدى | yamgur | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-9-19 0:41:33 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|