سۆيگۈ قىسسەسى - ئەنەم(ھالرەڭ)

  سۆيگۈ قىسسەسى
ئەنەم(ھالرەڭ)

ئارلىقىمىزنى يىقىن دىسە بىرتال قىل سىغمىغۇدەك يىقىن،
يىراق دىسە يەتتە ئاسماندىن يىراق.
ئەمدى ئايرىلغان قىسەلىرىمىزدىن بىرمىسرا تۈكەي
ئۇكۈنى ئايرىلدۇق شۇنداق ئۇزۇندا ئايرىلدۇق،
كۆزلەر قاراڭغۇ كۆلدەك لىغىرلاپ بېقىشتى.
كەينىمىزگە قاراشمىدۇق،
دەريالارنى ئىقىپ كەلمىسۇن دەپ...
كەينىمىزگە قاراشمىدۇق،
ئاسمان يەرگە يېقىلمىسۇن دەپ.
.
بىزدىن ئەڭ ئاخىرقى قالغان تىراگىدىيە ،
ياپراقلار شىلدىرلاپ ئۇزاتتى بىزنى .
.
شۇندىن بۇيان
ئىچىمدە كۆللەر توشتى.
دەريالار يۇشۇرۇندى،
ئەمما گۈلخانلار ئۆچمىدى.
.
مىنى قىينىغىنى شۇنداق بىر قىسسە ،
تۇنجى پەسلىمىزنىڭ
باھارپەسلى بولمىغىنى.
تۈنجى يۇشۇرۇن قاراشلىرىڭدا
بىر قارا پەردىنىڭ بولمىغىنى.
تۈنجى سۆزتاشلىغىنىمدا
تاشلارنىڭ ئىرىپ كەتمىگىنى.
تۈنجى تۈكۈلگەن ياشلارنىڭ
تاتلىق بولمىغىنى.
تۇنجى كۈرۈشكەندە يەتتە ئاسماندەك يىراق تۇرۇپ كۈرۈشمىگىنىمىز،
تۇنجى ئايرىلغاندا بىرتال قىل سىغمىغۇدەك يىقىن بولمىغىنىمىز.
     





41 قېتىم كۆرۈلدى halrag ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-19 21:13:29  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ