مىنىڭ قەدرىم ئۆتۈلگەندە - ئابدۇشۈكۈر ئابلىمىت ئىھسان

 مىنىڭ قەدرىم ئۆتۈلگەندە

 ئابدۇشۈكۈر ئابلىمىت ئىھسان  

بېشىڭنى قايغۇ-غەم ئەگكەي،مىنىڭ قەدرىم ئۆتۈلگەندە،
دىلىڭدىن كۈلكىلەر كەتكەي،مىنىڭ قەدرىم ئۆتۈلگەندە.
تۇماندەك خۇيلۇنۇپ چىھرىڭ ئۇرۇن قالماي تەبەسسۇمغا.
كۈنۈڭ ھەسرەت بىلەن ئۆتكەي،مىنىڭ قەدرىم ئۆتۈلگەندە.


دىلىمنى ئاغرىتىپ كەتتىڭ،قىلىپ قالدىم شۈكۈر-سەبرە،
پەلەككە ئاھلىرىڭ يەتكەي،مىنىڭ قەدرىم ئۆتۈلگەندە.
كىشىگە قىلغىنى ھەركىم، ئۆزىگە قىلغىنى بىلسە،
ئازاپ مەندىن ساڭا كۆچكەي،مىنىڭ قەدرىم ئۆتۈلگەندە.


ئالالماس گۈل،بىلىپ قويغىن.تېرىسا گەر تىكەن كىمكى،
بېغىڭدىن شۇمبۇيا ئۆسكەي،مىنىڭ قەدرىم ئۆتۈلگەندە.
ھەقىقەت سۇنمىغاي ئەسلا ئىگىلمەك يەتسىمۇ گاھى،
دىلىڭنى مىڭ ئەلەم چەككەي،مىنىڭ قەدرىم ئۆتۈلگەندە.


جۇدالىق زۇلمىدە قويدۇڭ،بىراق دەرمانغا تەڭرىم بار،
ئۇۋالىم ئوق بۇلۇپ تەگكەي،مىنىڭ قەدرىم ئۆتۈلگەندە.
يامان كۈن يوق قالاردىنمۇ،ئازاپ-ھىجرانىغا ۋىجدان،
پۇشايمان خار-غېرىپ ئەتكەي،مىنىڭ قەدرىم ئۆتۈلگەندە.
     





51 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇشۈكۈر ئابلىمىت ئىھسان ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-26 20:49:21  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ