شۇنداق كۈنلەر بۇلىدىكەن
خەلچەم خېلىل
شۇنداق كۈنلەر بۇلىدىكەن،
خۇشال تۇرۇپمۇ كۈلەلمەيدىغان،
ئەل قاتارى ئورنۇڭ بولسىمۇ،
مەيدە كىرىپ يۈرەلمەيدىغان.
تۇرغان جايىڭ باغۇ ھەرەمدەك،
كۈزۈڭ كور بوپ كۈرەلمەيدىغان،
باغدا تۇرۇپ باھار پەيزىنى،
بىر ئېچىلىپ سۈرەلمەيدىغان،
داستىرخاندا ھەممە تەل تۇرسا ،
مەززە قىلىپ يىيەلمەيدىغان.
يارىڭ قايدا،نەدە خىيالى،
مىڭ ئويلاپمۇ بىلەلمەيدىغان،
ئاسمان يىراق ،يەر قاتتىق بۇلۇپ،
كىرەي دەپمۇ كىرەلمەيدىغان.
يۇلۇڭ تۇرۇپ پەرۋا قىلماستىن،
ۋاز كىچىپلا كىتەلمەيدىغان،
دىلدا دەردىڭ تۇلۇپ تۇرسىمۇ،
جان دوست تېپىپ دىيەلمەيدىغان،
دۇنيا ۋەيران بولسا كۆڭلۈڭدە،
يۈرەك يېرىپ ئۈلەلمەيدىغان.
2016.11.3
78 قېتىم كۆرۈلدى | خەلچەم خېلىل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-3 17:44:38 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|