قارچۇقتكى سۇيگۈ - رەيھانگۈل راشدىن

  👀قارچۇقتكى سۆيگۈ🎻
رەيھانگۈل راشدىن ۋىسال


قېتىپ قالدى ھىجراندا سۆيگۈ،
تېخى يەتمەي ۋەسلىگە بىر رەت.
سەرسان بولغان ھىجرانلىق تۇيغۇ،
يۈرەكلەرگە ئېپ كەلدىغۇ  دەرت.

قارچۇقىمدا قاتقان سۈرىتىڭ،
سۆيگۈ سوراپ كەلمدى ئەجەپ.
يۈرۈكىمگە ئازاپنى  سالدىڭ،
قىينار مېنى ئاچچىق بىر  ھەسرەت .

ئ‍اھ يىگانە قارچۇقتا سۆيگۈ،
تۇرار بەكمۇ مەيۈسلۈك بېقىپ،
ئ‍ارام بەرمەي قىينايدۇ تۇيغۇ،
سۆيگۈم ئ‍ۆتەرمېنى ھالسىرتىپ.

قارچۇقۇمدا قاتقان سۆيگۈمگە،
ھچبىر ئ‍ىنسان بېرەلمەس ياردەم.
شېئىر قىلىپ قاتقان كۈيۈمگە،
تۇتاي ئ‍ەمدى مەڭگۈلۇك ماتەم.

2016-6-13
     





58 قېتىم كۆرۈلدى رەيھانگۈل راشدىن ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-13 12:07:54  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-16 10:37:51 مەن
ياخشى يېزىپسىز. تېخىمۇ تىرىشىڭ. سىزگە ئامەت يار بولسۇن.
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ